ھەر مىللەتتىن تەشكىللەنگەن بەل دۇمباق ئۇسسۇل ئەترىتى مىنشېڭ مەھەللىسىدە نومۇر ئورۇنلىماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى 9-فېۋرال بازارغا قاراشلىق 15 مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مىنشېڭ مەھەللىسىگە جەم قىلىپ، بەل دۇمباق ئۇسسۇلى، چوڭ باش بالىلار ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ۋە شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 5000 دىن ئارتۇق ئامما پائالىيەتنى كۆردى.