تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى لىۋېرپولدا ئۆتكۈزۈلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى : جۇڭگو شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن ئەنگلىيە لىۋېرپول دۆلەتلىك مۇزېي بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «چىن شىخۇاڭ ۋە لەشكەر- ئات ھەيكەللىرى كۆرگەزمىسى» 9 –فېۋرال لىۋېرپول دۆلەتلىك مۇزېيدا رەسمىي ئېچىلدى. بۇ لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنىڭ 11 يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيەدە يەنە بىر قېتىم  كۆرگەزمە قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى جەمئىي 125 دانە (گۇرۇپپا) بولۇپ، ئىچىدىكى 120 دانە (گۇرۇپپا)سى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، بەش دانە(گۇرۇپپا)سى قوشۇمچە كۆرگەزمە بۇيۇمى ئىكەن. كۆرگەزمە مەزمۇنى چوڭ تىپتىكى چىن سۇلالىسى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەمىنىيە-يېغىلىق، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساپال بۇيۇملار، برونزا قوراللار، ئالتۇن-كۈمۈش، قاشتېشى بۇيۇملارمۇ بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى