تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

جەم بولۇش ئۈچۈن......

چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا تەييارلانغان ئوقپويىزلار

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرىمى، بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولۇش بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەڭگۈلۈك تېما. بايرامنى ھەممەيلەن جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن  چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئاللىقاچان جۇڭگولۇقلارنىڭ  يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئايلاندى. «چاغانلىق يولۇچى توشۇش» تۇنجى قېتىم 1954-يىلى تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغان، بىراق، ئۇنىڭ قاچاندىن باشلاپ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى يەنىلا ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن باشلاپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات جۇڭگو نوپۇسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىشچىلار ئېقىنى، ئوقۇغۇچىلار ئېقىنى، تۇغقان يوقلاش ئېقىنى، ساياھەت ئېقىنىدىكىلەر چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى چوڭ ئېقىننى ھاسىل قىلدى. 1979-يىلى، ئېلىمىزنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك رېكورت يارىتىلىپ، 100 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يەتتى. «بېلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش» مۇ ھەر يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىدە مەملىكىتىمىز بويىچە جەمئىي 2 مىليارد 980 مىليون يولۇچى (قېتىم)نى توشۇش مۆلچەرلەندى. 40 يىلدىن بۇيان، چاغانلىق يولۇچى توشۇش كۆلىمى 30 ھەسسە زورىيىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 40 يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى. پەقەت جەم بولۇشتىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلا بولىدىكەن، چاغانلىق يولۇچى توشۇش داۋاملىشىدۇ، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلا بولىدىكەن، تەرەققىيات داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى