10-فېۋرال، گۈل سودىگىرى خېرىدارلار زاكاز قىلغان گۈللەرنى تەييارلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ۋە چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يۈننەندىكى گۈللەرنى توپ ساتىدىغان بازارلار قىزىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردا، يۈننەن ئۆلكىسى گۈلچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغىچە ئۆلكە بويىچە گۈل تېرىيدىغان، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان، يۆتكەيدىغان ۋە ساتىدىغان كارخانىلار 2000دىن، گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىر مىليوندىن، گۈلچىلىكتىن يارىتىلغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 40 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. يۈننەن گۈللىرىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى 70تىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 40تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىۋاتىدۇ.