ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيۇف خەۋىرى: بورتالا شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورى سۈي چياۋشيا يېقىندا قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولغانىدى.
8 - يانۋار سەھەردە جىڭ ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كې ئەن گۆش ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى كۆتۈرگىنىچە، ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى 6 – ئەترىتىدىكى تۇغقىنى تۇرسۇنجان مېيرەنباينىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۇنى كۆرگەن تۇرسۇنجان ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، تۇرسۇنجان ئۇنىڭغا:
__ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇق، سىز ياتىدىغان ئۆينىمۇ راسلاپ قويدۇق، قېنى چاي ئىچىۋېلىڭ، - دېدى. چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كې ئەننى باشلاپ ئەترەتنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىغا بېرىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئائىلىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى.
11 - يانۋار ئەتىگەندە ئارىشاڭ ناھىيەسى تيەنچۈەن مەھەللىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىرى نۇرزىيەگۈل خېزىرباي تۇغقىنى جاڭ خۇاجۇۋنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.
__ جاڭ بوۋا ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن بالام بىلەن سىلەرگە بىر ھەپتە ھەمراھ بولغىلى كەلدىم، نېمە تاماق يېگۈڭلار بولسا دەڭلار، مەن ئېتىپ بېرىمەن، -دېدى ئۇ دەم ئالماستىنلا يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئۆي ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىپ.
__ ۋاي بەك ياخشى بوپتۇ، بەك خۇش بولدۇق، -دېدى 76 ياشلىق جاڭ بوۋاي خۇشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي.
بۇ ئۆيدە جاڭ بوۋاي ئەر – خوتۇن ئىككىسىلا تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، يالغۇزلۇقتىن ئىچى سىقىلاتتى. ئۇلار نۇرزىيەگۈلنىڭ بىر ياشلىق بالىسى بىلەن ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ‹‹بورتالا گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرىنىڭ شابۇرتا كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ قار تازىلاش، ھويلا – ئارانلىرىنى يىغىشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، ئىشتىن بوشىغاندىن كېيىن، ئۆيگە كىرىپ تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى ئىگىلىدى...