تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان سۆھبەت

  قۇربان مولنىياز

  باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى سۈي يەنچياڭ يېقىندا خىزمەتداشلىرى بىلەن مىچىغ يېزىسىنىڭ ئولپاڭ كەنتىدىكى تۇغقىنى قۇربان تۇنىيازنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، قۇربان تۇنىياز بىلەن خوتۇنى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. سۈي يەنچياڭ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىنى قۇربان تۇنىيازغا بەردى، قۇربان تۇنىياز ئوقۇشلۇقنى قولىغا ئېلىپ خۇشال ھالدا:

  __ بۇ ئوقۇشلۇقنى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ سېتىۋالاي دەپ تۇراتتىم، تەلىيىمگە سىز ئالغاچ كەپسىز، كۆپ رەھمەت، -دېدى.

  سۈي يەنچياڭ بۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئەھۋاللىشىپ، تېلېۋىزورنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تېلېۋىزور كۆرەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، تېلېۋىزورنى رېمونت قىلىشقا تۇتۇش قىلدى. سۈي يەنچياڭ تېلېۋىزورنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، بىر كوندېنساتورنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ قايتا – قايتا سىنىغان بولسىمۇ ئوڭشالمىدى، ئاخىر دوستلىرىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراي دەپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆزى ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى بۇزۇلۇپ قالغان يەنە بىر كونا تېلېۋىزورغا چۈشتى – دە، ئۇنى ئېچىپ ئىچىدە دەل شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كوندېنساتورنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئېلىپ قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىۋېدى تېلېۋىزور ئوڭشالدى. قۇربان تۇنىيازنىڭ ئوغلى:

  __ بەك ياخشى بولدى، بىز ئەمدى تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدۇق، - دەپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. قۇربان تۇنىياز:

  __ چارچاپ كەتتىڭىز، چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىۋېلىڭ، - دېگىنىچە بىر پىيالە چاينى سۈي يەنچياڭغا سۇندى.

  سۈي يەنچياڭ سۇپىدا ئولتۇرۇپ قۇربان تۇنىياز بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭ ھويلا – ئاراننى تۈزەشتۈرۈش ئويى بارلىقىنى بىلىپ، قولىغا قەلەم – قەغەز ئېلىپ، خەرىتە سىزىشقا باشلىدى، ھەم ئۇنىڭغا:

  __ ئەتە ئىش باشلايلى، ئالدى بىلەن باغدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، ئېرىقنى راۋانلاشتۇرايلى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى چىقىرىۋېتەيلى، چاتاشقا تېگىشلىكلىرىنى چاتايلى، ئەتىيازدا تولۇقلاپ تىكىدىغانغا مەن كۆچەت ئېلىپ بېرەي، قاراپ باقسام، قوتانمۇ بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىمۇ رېمونت قىلايلى،- دېدى.

  سۈي يەنچياڭنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغان قۇربان تۇنىياز بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.

  يازدا ئۆي سالىدىغان چاغدا مەن كېلىپ ياردەملىشەي ھەم سىزگە بېيىش يولى كۆرسىتەي، دېدى سۈي يەنچياڭ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ.

  __ رەھمەت سىزگە، بىز بىلەن تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، بىزگە نۇرغۇن ئىش قىلىپ بەردىڭىز، ھازىر مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بولۇپ قالدىڭىز، - دېدى قۇربان تۇنىياز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى