تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق، خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان قېرىنداشلىق سۆھبىتى، كۈلكە – چاقچاق ئۈزۈلمىدى. كۆيۈنۈش، ھەمكارلىققا تويۇنغان ئىش – ئەمگەكلەر قايناپ، دېھقانلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاشتى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار يېڭى نىشان، يېڭى ئىدىيە، يېڭى بۇرچ ئېڭىنى قەلبىگە پۈكۈپ، يوپۇغا بازىرى ئەۋەلقۇم كەنتىگە كېلىپ، نۆۋەت بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، يېزا تۇرمۇشىغا باشقىچە ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئىدارە باشلىقى خەن يۈشى مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم ئامما ياقتۇرىدىغان چارە – ئاماللار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ تەلەپلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەيمىز.

  كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم بەكرى مۇنداق دېدى: تۇغقانلىشىشقا كەلگەن كادىرلار ئائىلىمىزگە ھەقىقىي خۇشاللىق، ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيەلىك ئىدارە – ئورۇنلارنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قىزغىن ھىمايە قىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، تۇغقانلىشىشقا كەلگەن كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۇلارغا ئاممىباب سۆزلەر بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بەش يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى. كۆپ خىل شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش ۋە دوستلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئەمگەكچى يېتىشمەي تاشلىنىپ قالغان ھويلا – ئارانلارنى رەتلىدى. تۇغقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئەقىل كۆرسەتتى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى