تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

  ـــ ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن، نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن تەرمىلەر

  بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شيەنيى

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىش، تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يوچۇقنى ئېتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى، 2 – تومىنى ئۆگىنىش، تارقىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ئىدارە سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئىككى مۇھىم ئەسەرنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدۇ. پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش كۇرسىدا مۇتەخەسسىسلەر كونسۇلتاتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشتەك كەسىپ ئىنتىلىشى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تارقىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ!

  گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى لۇ سەيلى

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى بارلىق ئاسپىرانتلارنى تەشكىللەپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك››. شۇنداق، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساپاسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىككە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى تەشۋىق قىلغۇچىلار بولۇشىمىز كېرەك. ئاسپىرانتلارنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئامما ۋە جامائەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى، تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى بولۇشىمىز كېرەك. كەسپىي تېخنىكىلارنى ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا كەسىپ ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كەسىپ ساپايىمىز ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بولۇشىمىز كېرەك. كەسىپ ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئاساسىي ئىدىيە، ئاساسىي مەزمۇن، قۇرۇلۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. بىز دەۋر ۋە ۋەتەن يۈكلىگەن بۇ مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي باش تارتماي زىممىمىزگە ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋردە پارتىيە تارىخى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنخې

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى نەشر قىلىپ تارقىتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىم ھۆججەت ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  بىرىنچى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى مول مەزمۇن ۋە ئاساسقا ئىگە قىلدى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ئىلگىرى نەشر قىلىنغان 1 – توم كىتاب بىلەن يىلتىزداش بولۇپ، ئورگانىك بىرلىككە ئىگە، بۇ كىتاب پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى ئىنتايىن مول مەزمۇن بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئاچتى.

  ئىككىنچى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مېتودولوگىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە شانلىق ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى، جۈملىدىن 1 – تومىنى ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئىشەنچ، روشەن خەلقچىل مەيدان، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىلمىي مېتودولوگىيە سىڭدۈرۈلگەن. پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى شانلىق ئۈلگە ۋە ئۇسۇل، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۈچىنچى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى پارتىيە تارىخى تارماقلىرىنى يېڭى دەۋردە پارتىيە تارىخىنى داۋاملىق ياخشى يېزىش ئۈچۈن تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹تارىخ ئەڭ ياخشى ئۇستاز››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى مەزمۇنى مول جانلىق دەرسلىك››. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق ئىككى توم كىتابنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، يوليورۇقىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش پارتىيە تارىخى خىزمەتچىلىرىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيە تارىخىغا ئالاقىدار بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. بىز ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق ئىككى توم كىتابنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق قىلىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە تارىخى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ‹‹بەشكە كىرگۈزۈش››نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى سۈن شيۇلىڭ

  يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى بۇرچ يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ماركسىزم ئىنستىتۇتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ‹‹بەشكە كىرگۈزۈش››نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى ۋە 2 – تومىنى ماركسىزم ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى كۈچەيتىشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرىدىغان ھەم ئۇنى ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدىغان قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى ۋە 2 – تومىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى ۋە 2 – تومىنى مەركەز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى رايون ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئالاقىدار مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پەنلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېگىزلىك بەرپا قىلىش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە پەنلىرىنى يېتەكچى قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەن تەتقىقات ئەترىتى قۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى›› ناملىق كىتابقا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى جانلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان سىياسىي تونۇشى، ئىدىيەۋى تونۇشى، ھېسسىي تونۇشىنى كۈچەيتىش، ئىستۇدېنتلارنى غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئاۋانگارت بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  كىتابتا باشتىن – ئاخىر خەلققە بولغان سەمىمىي مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې گوچىڭ

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدا باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقى ئىپادىلەنگەن.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدىكى ‹‹خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇش››، ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››، ‹‹ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي››، ‹‹خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش››، ‹‹خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش››، ‹‹پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش›› قاتارلىق ئېسىل بايانلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. خەلققە مۇھەببەت باغلاش ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابقا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن قىزىل سىزىق، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش جېڭى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق ھەل قىلىندى؛ ‹‹<يولۋاس>قا تېگىش قىلىنىپ، <چىۋىن> يوقىتىلىپ، <تۈلكە> تۇتۇلۇپ››، خەلقنىڭ غەزىپى تىنچىتىلدى؛ خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى تۈگىتىش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى دۆلىتىمىزدىكى 60 مىليوندىن كۆپ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە داۋالاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى ھەم مۇقىم راۋاجلاندۇرۇلدى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش جەريانىنى تەرەققىيات تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ماھارەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى