تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمەن

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلنۇر ئەكبەرقان

  مەن ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ، دادام بىز ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارغا پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا بىز ياشاۋاتقان چوڭ قورۇدا خەنزۇ، قازاق، شىبە، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال – خۇرام، ئېجىل – ئىناق ئۆتەتتۇق. ھەر قېتىملىق چاغاندا بىز ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار ناھايىتى خۇش بولۇپ كېتەتتۇق، چاغان ھارپىسىدا ئۆيىمىزدە تۈگرە تۈگۈپ يەيتۇق، ئاپام بىزگە يېڭى كىيىملەرنى تىكىپ بېرەتتى، دادام بىزگە پوجاڭزا ئېلىشقا پارچە پۇل بېرەتتى، چاغاننىڭ 15 – كۈنىدىكى پانۇس بايرىمىدا دوستلىرىم بىلەن بىللە پانۇس كۆتۈرۈۋېلىپ پەتىلىشىپ ئوينايتۇق. بۇ كۆرۈنۈشلەر ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، شۇ قەدەر ئىللىق، گۈزەل تۇيۇلىدۇ.

  مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، مېنىڭ ئىلگىرىلىشىم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسىدىن بولدى، مەن باشتىن – ئاخىر كەسىپچان، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيەگە، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ كەلدىم. يۇرتۇمدىكى غايەت زور تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، پۇقرالار بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

  ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تارىخنى بۇرمىلاش، ئىغۋا تارقىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تارقىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلار ئارقىلىق شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. كۆپلىگەن قانلىق پاكىتلار بىزگە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىلا، يۇرت – ماكانىمىزنىڭ مەڭگۈ ئىناق، بىخەتەر بولىدىغانلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتتى.

  تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى تارمار قىلىمەن. مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىمەن ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىقلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. پاكىت بىلەن سۆزلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تارقاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە سەپسەتىلەرگە تىغمۇتىغ رەددىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەربىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى مۇشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا موھتاج. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىزنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمايمىز! بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، بىرلىكتە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي، تەلتۆكۈس، پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختىيار بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى