تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەرھات توختى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن، سەمىمىي خىزمەت پوزىتسىيەم، پۇختا خىزمەت ئىستىلىم، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجەم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى كەم –كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا ئۈلگە بولىمەن. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىممۇ بولمىغان بولاتتى. مەن ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە يۈكسەك تونۇپ، سىياسىيدا قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.

  باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولىمەن. باش نىشان ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، دىققەتنى ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىمەن، ئاتاكىغا ئۆتىمەن، ئۈلگە بولىمەن.

  ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى قوزغىتىشتا ئۈلگە بولىمەن. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ زور دەرىجىدە ئاممىغا تەشۋىق قىلىشىمىزغا، ئاممىنى قوزغىتىشىمىزغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، ياخشى تۇرمۇشىمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدىن، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشتە ئۈلگە بولىمەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا – دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ زور، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. خىزمەت ئىستىلىمنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق›› تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي توسىمەن، بولۇپمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا كۈچەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى تۇتىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى تۇتىمەن؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى بىر – بىرلەپ ئىلگىرى سۈرىمەن، مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىمەن، ئىشلارنى بىر – بىرلەپ ياخشى بېجىرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››، ‹‹ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە››گىچە كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  مەن باشتىن – ئاخىر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى