تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرىمەن

  سانجى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس دولقۇن ئەيسا

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىمەنە سەپسەتە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. قانلىق پاكىتلار شۇنى ئۇقتۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش بولۇپ، قىلچە مۇرەسسە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ـــ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، خەلقنىڭ تەقەززاسى، ھەرقانداق كۈچ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. ۋەتەننى پارچىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق رەزىل ھەرىكەت مۇقەررەر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا، يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرايدۇ.

  مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. مەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، داۋاملىق تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تېخىمۇ ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

  سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىمەن، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمەن، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەيمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم – كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئىجرا قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، يۈكسەك ھوشيار بولىمەن، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىمەن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىناق ئۆتىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىناق راۋاجلىنىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جانلىق ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمەن.

  دىنلار ئىناقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي پائالىيەت تەربىيە – باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مىللەت، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنى پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى