1. كېسەلگە چىداملىق سورتلارنى تېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئۆز يېرىنىڭ كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان سورتلارنى تاللاپ تېرىش لازىم.
2. ئۇرۇقنى دېزىنفېكسىيەلەش لازىم. ئۇرۇقنى تېرىشتىن ئىلگىرى 50 – 55 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇغا 10 – 15 مىنۇت چىلاپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 28 – 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكىچە توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ، 25 – 28 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا بىخلاندۇرۇپ تېرىش لازىم.
3. چۆنەككە يالتىراق يوپۇق يېپىش كېرەك. يالتىراق يوپۇق يېپىشنىڭ تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىشكە، تۇپراقتىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن پارنىك نەملىكى ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار.
4.يوپۇق ئاستىدىن سۇغىرىش لازىم. يوپۇق ئاستىدىن سۇغارغاندا پارنىك نەملىكى 24 سائەتتىن كېيىن %82 ـــ %85 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما چۆنەكلەر سۇغارغاندا پارنىك نەملىكى 24 سائەتتىن كېيىن %95 ـــ %100كە يېتىدۇ. مۇنداق بولغاندا كۈل رەڭ پاختىلىشىش كېسىلىنىلا ئەمەس، باشقا كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىغىمۇ پايدىلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
5.ئېكولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. بۇ، پارنىك تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن پارنىكنى ھىم ئېتىپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىتىلىدۇ، تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە شامالدىتىلىدۇ، چۈشتىن كېيىن تېمپېراتۇرا 23 – 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونترول قىلىنىدۇ. پارنىك تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندە شامالدىتىش توختىتىلىپ، كېچىلىك تېمپېراتۇرا 15 – 17 گىرادۇسقىچە كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شوخلىدا كېسەل كۆرۈلگەندە، كېسەل كۆرۈلگەن پارنىك بىلەن كېسەل كۆرۈلمىگەن پارنىك ئارىسىدا بىۋاسىتە كىرىپ، چىقماسلىق كېرەك. كېسەل تەگكەن مايسىلارنى كېسەل تەگكەن ئورۇن بىلەن بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ چاقماق ياكى ئىنچىكە شامغا ئوت يېقىپ 30 سېكۇنت ئەتراپىدا يېنىك قىزدۇرۇپ، كېسەلنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش لازىم.
6. دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش لازىم. شوخلا چېچىكى كېسەل مىكروبى كۆپىيىدىغان ئاساسلىق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، بۇ خىل كېسەلنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللاپ، ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھىرى تۆۋەن دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى چېچەكلەش مەزگىلىدە دورا چېچىش ماشىنىسى بىلەن %0.001 – %0.0025لىك تۇماتوتون (素落防)نى شوخلىنىڭ ھەر بىر چاڭلىشىدىغان گۈل رىتىدە 2 – 3 تال چېچەك ئېچىلغاندا چېچىكىگە پۈركۈش، %50 چېچەكلەپ بولغاندا يەنە بىر قېتىم پۈركۈش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا پارنىك نەملىكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىسلاش دورىسى ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدا دەسلەپتە كېسەل كۆرۈلگەندە، كەچقۇرۇن پارنىكنى ھىم ئېتىپ، ھەر ئون مېتىردا بىر بولاق (50 گىرام) ئىسلاش دورىسى قۇيۇپ ئىسلىنىدۇ، تۆت سائەت ئىسلىغاندىن كېيىن ھاۋا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئادەتتە 10 – 15 كۈندە بىر قېتىم ئىسلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كېچىدە ھاۋا ئالماشتۇرغاندا كۈل رەڭ پاختىلىشىش كېسىلى كۆرۈلسە %65 لىك جيا مېيلىڭ (灵霉甲)نىڭ 600 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 2 – 3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.
بەختىيار ئەبەيدۇللا تەييارلىغان