تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن چېن كۇنلىڭ

  بۇ يىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنلىكىگە 40 يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىشتەك جاسارىتى، چىدام – غەيرىتى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ھەم راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى ۋە پۇختا ئاساس سالدى، مانا بۇ پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىكى ‹‹ئەسلىي مەقسىتى››دۇر. بۇنداق ‹‹ئەسلىي مەقسەت›› ئىسلاھاتنىڭ مۇقەررەر روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇشىنى بەلگىلىدى: بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز يۆنىلىشتىن ئازماي سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ئىسلاھاتتۇر، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭكىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەستىن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىگە بولغان ئىسلاھاتتۇر، شۇنداقلا تار دائىرىدە، يۈزەكى بولماستىن، ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر بولغان ئىسلاھاتتۇر، ئۇزاق مۇددەت بىر ئىزدا توختاپ قالماستىن، تەدرىجىي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھاتتۇر، قالاق بولماستىن، ئوچۇق ھەم سىغدۇرۇشچان بولغان ئىسلاھاتتۇر.

   ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ـــ ھازىرقى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىمىزنىڭ، ھەم ئۆتكەن بەش يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىمىزنىڭ ھەم ئۆتكەن 40 يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭدەك كەلگۈسىدە ‹‹يېڭى ئىختىلاپ››نى ھەل قىلىش، ‹‹يېڭى سەپەر››گە ئاتلىنىشتىكى مۇقەررەر يولىمىزدۇر. مەيلى خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسى بولسۇن ياكى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە بولسۇن، ‹‹ئىسلاھات›› مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ـــ رېئال مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى. ئىسلاھات تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن مەسىلە پەقەت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ. مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ھەر خىل ئىختىلاپ ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالايمىز، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭالايمىز.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ــــ  كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر. تەرەققىيات بىلەن ئىسلاھات بىر – بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان بولۇپ، تەرەققىيات بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، ئىسلاھاتمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولسا تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشتۇر. ھازىر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرساقلا، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتالايمىز، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزەلەيمىز، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تېخىمۇ ياخشى تۈزۈپ چىقالايمىز.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  بىرىنچى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ھەم دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىقلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تېز بەرپا قىلىش كېرەك››.

  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى قىسقارتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىمىز ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، مۇھىم ئامىل تۈرتكىسىنىڭ ئورنىغا پەن – تېخنىكا تۈرتكىسىنى قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يېتەكلەيدىغان ئىجادچان دۆلەت قۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشتىن ‹‹ئايرىلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان يېشىل ئىقتىساد ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بولسا بىرقەدەر يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، مۇكەممەل زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىغا، يۇغۇرۇلغان شەھەر – يېزا تەرەققىيات تۈزۈلمىسىگە، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىغا ئىگە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى تەلەپ، يېڭى دەۋردە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم قوللانما دېيىشكە بولىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى تەڭپۇڭ رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات مېخانىزمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە يۆتكىلىشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان سىستېمىدۇر. ئۇ، مۇكەممەل بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بازار تەڭشەش مېخانىزمىغا ۋە تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە تولغان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا ئىگە.

  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، تېخىمۇ پائال ۋە تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ، رايون ئىككىلەمچى رايونى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش›› يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىنىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ كارغا كېلىدىغان دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، يول ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ‹‹سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››.

  خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جانلىق – تېتىك، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. خەلقنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتى ـــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا زور تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ساھەلىرىگە نىسبەتەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان قىلىش، يېزىلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى باياشات قىلىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىستېمال تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتا، ئۇلارنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تۈزۈلمە – مېخانىزمنى تېزدىن ئورنىتىش؛ ئەمگەكچى، ئادەم كۈچىنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم نۇقسانىنى تۈگىتىپ، ھەممە كىشىنى جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئامىللارغا ئاساسەن، تەقسىم قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئىسلاھاتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر يۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمنى ئورنىتىپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداش ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئىچكى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك››.

   ‹‹خەلقنى ئەلا بىلىش›› ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››، دەپ تەكىتلەندى. خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات قىلىشمۇ خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب بېرىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ‹‹بالىلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، ئاغرىقلارنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك››. خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى پارتىيەنىڭ مەنپەئىتى، پارتىيەنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق؛ خەلقنىڭ مەيدانى پارتىيەنىڭ مەيدانى، شۇنداقلا پارتىيە سىياسىتىنىڭ مەيدانى، پارتىيەنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەيدانى يوق؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئېنىق نىشانىدۇر. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەم خەلقنىڭ ئىشى، ھەم پارتىيەنىڭ ئىشى. ياشاشتىن تەرەققىياتقىچە، ماددىيلىقتىن مەنىۋىلىككىچە، پاراۋانلىقتىن ھوقۇققىچە ‹‹خەلقنى ئەلا بىلىش›› ئىدىيەسى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتەلەيدۇ.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى