تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(3)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىلارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشنى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىك، پارتىيە رەھبەرلىكى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى شىنجاڭ خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئاممىنىڭ باي بولۇش – بولالماسلىقىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ـــ ياچېيكىدا››. پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بۇ سىياسىي ئەۋزەللىكنى يەنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتكوم ئومۇميۈزلۈك، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرىدىغان يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇل بولىدىغان، ناھىيە، شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم تايانچ ۋە ئەڭ پۇختا كاپالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: پارتىيەمىز ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى، ھەم قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇشى لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى. ئىقتىدارى، ئەمەلىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بار ياش پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئەڭ جانلىق قېنى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى جەزمەن گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەربىيەلەش، سەپلەش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ چېنىقىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، ئىختىساسلىقلار يېزا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈرۈشىدىغان ياخشى ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى ياخشى كۆرىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەندىلا، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرى مۇقىم، مۇستەھكەم ئاساسقا ۋە كۈچلۈك تىرەككە ئىگە بولالايدۇ.

  ھاكىمىيەت ئىشلىرى دېھقانچىلىققا ئوخشايدۇ، كېچە – كۈندۈز شۇنىڭ غېمىنى يېگەندە، ئىشنى ياخشى باشلاپ ئاخىرىنى ياخشى چىقارغىلى بولىدۇ. ھاكىمىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش خۇددى دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىغا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە ھەممىنى نەزەرگە ئالغاندىلا، ئاخىرىدا ئوتۇق قازانغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پىلانلاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەقىقىي مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىغان چوڭ ئىستراتېگىيە بولۇپ، جەزمەن مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ غەملەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مالىيە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق مايىللىشىدىغان، جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك سېلىنما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئوخشاشمىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، بىر تۇتاش ئويلىشىپ، پىلانلاپ، يېتەكلەپ، شەھەر–يېزىلارنى يۇغۇرۇش، بىر پۈتۈن لايىھەلەش، كۆپ خىل پىلاننى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا – كەنتلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇ يىل پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى زور ئۆزگىرىش، زور ھالقىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى كۈتۈۋالماقتا. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى