تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىشنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنى ھەممە تەلپۈنىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزىلار بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىرلەشكەن، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت – يېزا ئىگىلىكى، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى كۈچەپ پۇختىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقوقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە ئۆتۈشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەبىئىي كاپىتالىنى تېز ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ۋە جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يېزىلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئاۋام قاتنىشىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە مۇكەممەل، زامانىۋى يېزا – كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىنچ يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈزۈلمە – مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ بايلىق ئامىلىنى تىرىشىپ ئاكتىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى