تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 1–ئاينىڭ 30–كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ـــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنىڭ نامايەندىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئانالىز قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ بىر – بىرىگە سىڭىشىشىنى، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى ۋە قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىقتىدار ۋە ماھارەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئۇ، يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز جەزمەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك، يەنى زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت – ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم تىرىكى ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلىنىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىشنى كۆزلەپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسىنى، ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىرىم تەقسىمات سىستېمىسىنى، ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىدىغان، ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغان شەھەر – يېزا رايون تەرەققىياتى سىستېمىسىنى، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر يېشىل تەرەققىيات سىستېمىسىنى، كۆپ مەنبەلىك، تەڭپۇڭ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش سىستېمىسىنى، بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، بايلىق ئامىلى، سىياسەت – تەدبىر، خىزمەت كۈچىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا توپلاشقا تۈرتكە بولۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېنېرگىيە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر – يېزا رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى ماسلاشتۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ ‹‹مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تۈزەش لايىھەسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد تەننەرخىنى تۈرگە ئايرىپ ئازايتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى