تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى (2018–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)›› بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى

  شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دەپ ئېلىندى) بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلغان. ‹‹پىكىر››دە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش، تۇرۇبا تورىغا 3 – تەرەپنىڭ ئادىل كىرىشىگە ئىجازەت بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە باھاسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە بازىرى سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سىياسەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئىش تەقسىماتى ۋە تاماملاش مۆھلىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئېنېرگىيەنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە، رىقابەتلىك كەسىپلەرنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتى يېتىشتۈرۈش، باھانىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش تۇتقا قىلىنىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ئېنېرگىيە بازىرى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش نىشانى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ۋەزىپە بويىچە ئىش تەقسىملەپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە مۇھىم ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى پۇختا، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغاپ، سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتتا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بازارلىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. 2018 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى