بېلگىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېمپېراتۇرا ھەر 10 سېلتسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىسە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەۋپى %7 ئۆرلەيدىكەن. ئامېرىكا «لوس ئانژېلىس ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، تېمپېراتۇرا 12 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن شارائىتتا، تېمپېراتۇرا ھەر بىر سېلتسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىسە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى %2 ئۆرلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، 75ياشتىن ئاشقانلار سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى بار ئىكەن. سوغۇق ھاۋا سەۋەبلىك قاندىكى قان پىلاستىنكىلىرى ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ، قان قۇيۇلۇپ، قان نۆكچىسى شەكىللەندۈرىدىكەن، بۇمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېلىپ چىقىشتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەن. ياشانغانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولغانلىقتىن، سىرتقا چىققاندا سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئېغىر بولغاندا يۈرەك سانجىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدىكەن.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى