زىققا كېسىلى بار ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تەخمىنەن %36 زىققا كېسىلى بار ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە زىققا كېسىلى ئازراق ياخشىلىنىدىكەن، %41 ىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، پەقەت %23 زىققا بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن، ئانا ۋە ھامىلىگە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن. ئۇنداقتا زىققا بىمارلىرى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1.نەپەس يولى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا زىققىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى باھالىتىپ، زىققىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2.رېئاكسىيە مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، گۈل بەرگى، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك، سوغۇق ھاۋا، ئەرمەك ھايۋان قاتارلىق رېئاكسىيە مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئەتراپتىكى تاماكا چېكىدىغانلارغا ئەسكەرتىپ، «ئىككىلەمچى تاماكا» زىيىنىنى ئازايتىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، نەپەس يولىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى ۋە تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش، دالا پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق، ئەڭ مۇھىمى دورىنى مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك يېيىش كېرەك.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى