تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى

  (2018–يىلى 1–ئاينىڭ 2–كۈنى)

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقۇسى. ھازىر يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

بىرىنچى، يېڭى دەۋردە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈردۇق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمى داۋاملىق ئاشتى، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى روشەن كۈچەيدى، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يېزىلاردا جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە توپلانغان مول تەجرىبىلەر يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يېزا – كەنتلەردە ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا باسقۇچلۇق تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق تەڭ مەۋجۇت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە بازار رىقابىتىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قەرز كۆپرەك، يېزىلارنىڭ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، يېزا – كەنتلەر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىستېمىسى نىسبەتەن ئاجىز، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى ئېغىر، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئاجىز ھالقىلار ساقلىنىۋاتىدۇ، يېزا – كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، يېزا – كەنتلەر نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان بىپايان زېمىن بولۇپ، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بىزدە پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىك، سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكى، مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئىجادكارلىق روھى، قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ تىرىكى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، زور بازار ئېھتىياجى بار، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تامامەن شارائىتىمىز بار، قۇربىمىز يېتىدۇ. مەۋقەنى چوقۇم دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى

  (1) يېتەكچى ئىدىيەسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىش، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇش، تۈزەش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش. (2) نىشان – ۋەزىپىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشان – ۋەزىپىسى:

  2020 – يىلىغا بارغاندا، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى روشەن ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردا 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى پەرقنى داۋاملىق كىچىكلىتىش؛ ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش؛ يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش؛ يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلارنى تۈزەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جايلار، تارماقلارنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى تۇرغۇزۇش.

  2035 – يىلىغا بارغاندا، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، نىسپىي نامراتلىقنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا قەدەم تاشلاش؛ شەھەر – يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىستىلىدا مەدەنىي بولۇشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان يېزا – كەنتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش.

  2050 – يىلىغا بارغاندا، يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش.

  (3) ئاساسىي پىرىنسىپى

  ـــ پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى – مېخانىزمىنى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر يېزا خىزمىتىدە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىشى، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

  ـــ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، ئورتاق ھەرىكىتى قىلىپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، كادىرلارنى سەپلەشتە ئالدىن ئويلىشىپ، مۇھىم ئامىللارنى تەقسىملەشتە ئالدىن قاندۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىدا ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمىتىدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاش.

  ـــ دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش. دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

  ـــ يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسى ۋە قىممىتىنى قېزىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلىشىشچانلىققا، باغلىنىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈش.

  ـــ شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش. تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشۈشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزىلار بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت – يېزا ئىگىلىكى، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش.

  ـــ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تېجەشنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنغان فاڭجېننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا – كەنتلەرنى گۈللىنىشكە يېتەكلەش.

  ـــ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. يېزا – كەنتلەرنىڭ پەرقى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بۆلۈنۈش ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، ھەم مادارىغا قاراپ ئىش قىلىپ، قاتمۇ قات بېسىم چۈشۈرمەي، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، داۋاملىق تىرىشىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش.

   ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش مۇھىم نۇقتا. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆتۈش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  (1) يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. ئاشلىقنى يەر، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قاتتىق ساقلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاۋىقى جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇلىدۇ. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – قوغداش رايونى تېزدىن بېكىتىلىپ ۋە قۇرۇلۇپ، قوللاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا يەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتى مۇقىم ئۆستۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش، باھالاش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، سۇغىرىش رايونلىرىدا يانداشما قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق قۇرۇش ۋە زامانىۋى قىلىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىپ، كىچىك تىپتىكى ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان زور بىر تۈركۈم سۇغىرىش قۇرۇلۇشلىرى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، پۈتۈن ساھەگە يۈزلەنگەن پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. زامانىۋى زىرائەت، چارۋا – ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئورمانچىلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت نەنفەن ئۇرۇقچىلىق بازىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا – جابدۇق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى كۈچەيتىلىپ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي زىرائەت، باقمىچىلىق، ئېدىرلىق – تاغلىق رايونلاردا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنا – جابدۇق ياسىمىچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بىلىم، ماھارەت، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، نەرسە تورىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  (2) يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنىڭ باھالاش سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش، كۇرسلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەڭشىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە يۈزلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەۋزەل رايون بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى رايونى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات ماركىسى يېتىلدۈرۈلىدۇ، جۇغراپىيەۋى بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قوغدىلىپ، بىر كەنتتە بىر ماركا، بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ بولغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ. زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش تېزلىتىلىپ، ئورمانچىلىقنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئورمان ئېكولوگىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن، ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. باقمىچىلىقتا بوشلۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك ساغلام باقمىچىلىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، مىللىي سۈتچىلىك زورايتىلىدۇ ۋە كۈچەيتىلىدۇ. دېڭىز – ئوكيان بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئېچىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يېقىن ۋە يىراق دېڭىز باقمىچىلىقى، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، زامانىۋى دېڭىز – ئوكيان بېلىقچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش – تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك يېشىل ئېكولوگىيەسىنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كۈچەيتىلىدۇ. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىقتىدارى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈلىدۇ.

  (3) يېزىلاردىكى 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، قىممەت زەنجىرى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، مەنپەئەت زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا پايدا تەقسىملەش، پاي قوشۇپ ھەمكارلىشىش، پايدا قايتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دېھقانلار پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن مۇۋاپىق بەھرىمەن قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، كارخانىلار قوشۇۋېلىش – قايتىدىن تەشكىللەشكە، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىنكى دەرىجىگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىش كۈچەيتىلىدۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى، ئىسكىلاتتا ساقلاش، مال ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، تەمىنات – سودا، پوچتا ۋە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت تور – نۇقتىلىرىنى يېزا – كەنتلەرگىچە كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى مۇقىم جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇملىققا ئىگە بولغان، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ چىقىلىدۇ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، مەدەت بېرىلىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ، يېزا ئوبوروتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا – كەنت سەرخىل ساياھەت مەھسۇلات قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى كۆپ خىل بىر تۈركۈم ئىستىراھەت، سەيلە – ساياھەت رايونى، ئورمان ئارامگاھى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – كۈتۈنۈش بازىسى، يېزا – كەنت قونالغۇسى، ئالاھىدە بازارلار قۇرۇلىدۇ. بوش قالغان دېھقان ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىپ قونالغۇ ئېچىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق تۈرلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئالاھىدە كەسىپ تىجارىتى قاتارلىق ساھەلەرگە قولاي بولغان بازار ئىجازىتى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان باشقۇرۇش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ. يېزا – كەنتلەردە ھەمبەھرە ئىقتىساد، ئىجادىي يېزا ئىگىلىكى، ئالاھىدە مەدەنىيەت كەسىپلىرى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

  (4) يېزا ئىگىلىكىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ. بايلىق تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالاھىدە ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ، ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش كېڭەيتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سودا سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ‹‹چىقىرىش››نى پائال قوللاپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ ئاشلىق سودىگەرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك كارخانا گۇرۇھلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ. دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك سودا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يېزا ئىگىلىك خەلقئارا سودا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

  (5) يەككە دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنى يۆلەش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ھەم ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىلىپ، يەككە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىغا يېتەكلىنىدۇ. كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان تۈرلۈك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تولۇق مۇساپىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. كۆپ خىللاشقان بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىق راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، رايون ئاممىۋى كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاللا بازارلىرىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەھەللىلەرگە بىۋاسىتە كىرگۈزۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، بۇيرۇتما يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسى ۋە قوشۇلما قىممىتى ئۆستۈرۈلۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى كېڭەيتىلىدۇ. يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى شارائىتى ياخشىلىنىدۇ، خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىلىدىغان سىياسەت، پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ.

   تۆتىنچى، يېزا – كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ئېكولوگىيەنىڭ ياشاشقا باب كېلىشى ئاچقۇچ. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يېزىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ھەم قىممەتلىك بايلىقى. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە مايىللىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقنىڭ قىممىتىنى تېز ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنى بېيىتىش بىلەن ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  (1) تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەش بىرتۇتاش پىلانلىنىدۇ. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ھاياتلىقنىڭ ئورتاق گەۋدىسى قىلىنىپ، بىرتۇتاش قوغدىلىدۇ، بىرتۇتاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. مۇھىم ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، ئورمان، دەريا – ئېقىن، كۆللەرنى ئارام ئالدۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن مارگىنال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈرلەر بويىچە تەرتىپلىك چېكىندۈرۈلىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ، ئارام ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېڭەيتىلىدۇ. دەريا، دېڭىز، كۆللەردە بېلىق تۇتۇشقا چەك قويۇلىدىغان، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدىغان رايونلار ئىلمىي ئايرىلىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سۇ بايلىقى سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش كونترول قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. دەريا – كۆل سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە يېزىلاردىكى كۆلچەكلەرنى تازىلاپ، تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بارلىق تەبىئىي ئورمان قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش كېڭەيتىلىپ، نەتىجىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلىدۇ. ‹‹ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى›› سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئورمان سۈپىتىنى دەل جايىدا ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما – مۇكاپات سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش چوڭ قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، سىرتتىن كىرگەن جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىلىدۇ.

  (2) يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى مەنبەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كۈچەيتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، سېلىنما مىقدارىنى ئازايتىش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، كەسىپ ئەندىزىسىنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ئوغۇتنى دەسسىتىش، چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى قىغلىرىنىڭ بۇلغىشىنى بىر تەرەپ قىلىش، زىرائەتنىڭ شاخ – شۇمبىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكىدىكى كېرەكسىز يالتىراقلارنى يىغىۋېلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن يېشىل مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا سۇ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ، يېزىلاردا ئېكولوگىيەسى پاكىز كىچىك ۋادى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. شىمالىي جۇڭگودىكى يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە قازغان رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراقنى قوغداش سالمىقى زورايتىلىدۇ. ۋادى مۇھىتى ۋە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ. سانائەت ۋە شەھەر – بازارلاردىكى بۇلغىنىشنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا يۆتكىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. يېزا مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ يېزا مۇھىتىنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  (3) بازارلاشقان كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيە تۆلەم مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدىكى فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقى زورايتىلىدۇ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈنۈمى بىلەن مەبلەغ تەقسىملەش باغلانغان ئىلھاملاندۇرۇش، چەكلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونلىرىدا تاۋار ئورمىنىنى سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، رايونلار، ۋادىلارنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنى ئوتتۇرىسىدا توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش، ئورمان ئارقىلىق كاربون يىغىش قاتارلىق بازارلاشقان تۆلەم تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق سۇ رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشكە تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداشتا ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيەلىك پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  (4) يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىدۇ. ئېچىش بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنىپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېشىل ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئورمان، ئوتلاق ساياھىتى، دەريا، كۆل، سۇلۇق يەر ئېكسكۇرسىيەسى، قار – مۇز، دېڭىز ئۈستى ھەرىكىتى، ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش – كۆندۈرۈش – تاماشا قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، ئېكولوگىيە تەربىيەسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر پائال ئېچىلىدۇ. بىر تۈركۈم خاس ئېكولوگىيە ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت، بازار ۋە سەرخىل لىنىيەلەر بەرپا قىلىنىپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان يېزا – كەنت ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسىپ زەنجىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

   بەشىنچى، يېزا مەدەنىيىتى گۈللەندۈرۈلۈپ، يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكى كاپالەت ھېسابلىنىدۇ. ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنى تەڭ تۇتۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدۇ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي – سادا خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈلىدۇ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

  (1) يېزىلارنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئەمەلىيەتتە ئادەتلەندۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچنى تەڭ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۈنۈملۈك شەكىللەر قوللىنىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسى كۈچەيتىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ، يېزىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيەسى بايلىقى قېزىپ چىقىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، كىشىلىك ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، قائىدە ئېڭى، كوللېكتىپ ئېڭى، خوجايىنلىق ئېڭى كۈچەيتىلىدۇ.

  (2) يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەۋقە يېزا – كەنت مەدەنىيىتىگە قويۇلۇپ، شەھەر مەدەنىيىتى ۋە باشقىلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىنىپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجادىي ئايلاندۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىلىپ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز دەۋر مەزمۇنى سىڭدۈرۈلۈپ، ئىپادىلەش شەكلى بېيىتىلىدۇ. مۇنەۋۋەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، مۇنەۋۋەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى مىراسلىرىدىن مۇۋاپىق، لايىق پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنەۋۋەر ئىدىيە، كۆز قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق ئۆلچىمى چوڭقۇر قېزىپ چىقىلىپ، ئۇنىڭ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاممىنى تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈش، ئۆرپ – ئادەت يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداش لىنىيەسى بېكىتىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئاسار ئەتىقىلەر، ئەنئەنىۋى كەنت، مىللىي كەنت، مەھەللە، ئەنئەنىۋى ئىمارەت، يېزا ئىگىلىك يادىكارلىقلىرى، سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى ياخشى قوغدىلىدۇ. يېزا رايونلىرىدىكى ئېسىل دىراما ۋە ئەلنەغمە، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى، خەلق مەدەنىيىتى قاتارلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  (3) يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئۆلچەم، تور، مەزمۇن، ئىختىساسلىقلار بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېزا – كەنت ئىككى دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيىتى بايلىق مەنبەلىرى نۇقتىلىق ھالدا يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ، ياخشى يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› تېما قىلىنغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىلىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى، بولۇپمۇ يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا دېھقانلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ. يەرلىك مەدەنىيەت، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، قېزىش، مەدەنىيەت جەھەتتە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلىنىدۇ. يېزا مەدەنىيەت بازارلىرىنى جانلاندۇرۇپ، گۈللەندۈرۈپ، يېزا مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، يېزا مەدەنىيەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.

  (4) ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەدەنىي كەنت – بازار، يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئاھالە، مەدەنىي ئائىلە قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەشەمەتچىلىك قىلىش، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ۋاپادارلىقىنى كۆز – كۆز قىلىش، بەسلىشىش قاتارلىق ناچار ئۆرپ – ئادەتلەر چەكلىنىدۇ. ئاتېئىزم تەشۋىقات تەربىيەسى كۈچەيتىلىدۇ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىدۇ، فېئودال خۇراپىي پائالىيەتلەر چەكلىنىدۇ. يېزىلاردىكى ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا پەن – تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ساپاسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

   ئالتىنچى، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئاساس. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى چوقۇم ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ھەمكارلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان زامانىۋى يېزا – كەنت جەمئىيەت تۈزەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا – كەنت جەمئىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  (1) يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، سىياسىي فۇنكسىيە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، تەشكىللەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزىلار چىڭ تۇتۇلۇپ، كەنتلەرنىڭ خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق ئورنى كۈچەيتىلىدۇ، تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، ئاجىز، تارقاق كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتەكلىنىدۇ. 1 – شۇجى ئەۋەتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، نامرات كەنت، ئاجىز، تارقاق كەنت ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاجىز كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە 1 – شۇجى ئەۋەتىلىدۇ. يېزىلاردا باشلامچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەنتكە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە نۇقتىلىق جەلپ قىلىنىپ، مۇنەۋۋەرلەر، قابىللار كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا سەپلىنىدۇ. مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ئارىسىدىن يېزا – بازارنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاش، يېزا – بازار ئورگان مەمۇرلىرىنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، يېزا – بازارلارنىڭ كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مۇنەۋۋەر ياش دېھقانلار ئارىسىدا پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدۇ. يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كەنت دەرىجىلىك كىچىك ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كىچىك ھوقۇقدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقى زورايتىلىدۇ. دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى، كوللېكتىپ مۈلۈكنى باشقۇرۇش، يەر ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى قاتتىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

  (2) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ئەمەلىيىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونومىيەدە چىڭ تۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، يېزىلاردا ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ سايلام ئارقىلىق كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاپتونومىيە نىزامنامىسى، كەنت ئەھدىنامىسىنىڭ ئاكتىپ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۇپ، كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. كەنت ئاھالىلەر يىغىنى، كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى يىغىنى، كەنت ئاھالىلەر كېڭىشى، كەنت مۇدىرىيەت يىغىنى، كەنت نازارەتچىلىك ھەيئىتى قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى خەلق كېڭىشىدىغان، خەلق بېجىرىدىغان، باشقۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. يېڭى يېزا پازىللىرىنىڭ رولى پائال جارى قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتا مەركىزىي نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بايلىق مەنبەسى، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلىدۇ. كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىسى ياكى تەبىئىي كەنتلەرنى ئاساسىي بىرلىك قىلغان كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېزا مەھەللىلىرىنى تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە مەمۇرىي تەستىقلاش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ، ‹‹بىر يەردە بېجىرىش››، ‹‹بىر يەردە مۇلازىمەت قىلىش›› ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. كەنتلەردە تور مۇلازىمەت پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، مۇكەممەل بولغان يېزا – كەنت خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى تەدىرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ. مۇلازىمەتچان، پاراۋانلىق خاراكتېردىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان كەنت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ، كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي خىزمىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا سېلىشتۇرۇش كۆپ بولۇش، بەرپا قىلىشتا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم كۆپ بولۇش، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش كۆپ بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەركەزلىك ئېنىقلىنىدۇ. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە قانۇنىي ئىگىسىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى قوغدىلىدۇ.

  (3) قانۇنچىل يېزا – كەنت قۇرۇلىدۇ. قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلىدۇ، قانۇننىڭ دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نوپۇزلۇق ئورنى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قانۇنچىللىق كۆز قارىشى، قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلىرى قانۇنچىللىق ئىزىغا سېلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى بىرلەشتۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا – كەنتتە مۇرەسسە قىلىنىدىغان، ناھىيە، شەھەردە كېسىم چىقىرىلىدىغان، ئەدلىيە جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزىلاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلار قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىدۇ. يېزىلاردا ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارغا قانۇن ياردىمى ۋە ئەدلىيەلىك ياردەم بېرىش كۈچەيتىلىدۇ.

  (4) يېزا – كەنتلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق تۈزەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا – كەنتلەردىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەخلاق ئۆلچىمى چوڭقۇر قېزىلىپ، دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەشنىڭ رولى كۈچەيتىلىدۇ، دېھقانلار يۇقىرىغا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، ياشانغانلارغا ۋە تۇغقانلىرىغا ۋاپادار بولۇشقا، ھەققانىيەتچىل – سەمىمىي بولۇشقا، تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، دېھقانلار ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز – ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز – ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە يېتەكلىنىدۇ، ئائىلە ئىناقلىقى، قوشنىلار ئىناقلىقى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئىناقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ياخشى كېلىن، ۋاپادار پەرزەنت، ياخشى قېيىنئاتا – ياخشى قېيىنئانا قاتارلىق باھالاش – تەقدىرلەش پائالىيىتى، ئەڭ گۈزەل يېزا – كەنت ئوقۇتقۇچىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا – كەنت دوختۇرى، ئەڭ گۈزەل كەنت ئەمەلدارى، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئىزدەش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپتىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ تىپىك ئىش – ئىزلىرى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىنىپ، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىدۇ.

  (5) تىنچ يېزا – كەنت قۇرۇلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش كۈچلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر، جەمەت تۈسىنى ئالغان رەزىل كۈچلەر، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، ئەپيۈنكەشلىك، ئوغرىلىق، ئالداپ ئېلىپ كېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. يېزىلاردىكى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە چېگرا سىرتىدىكى سىڭدۈرمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقى قانۇن بويىچە ئاشۇرۇلىدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ يېزا ئاممىۋى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قانۇن بويىچە توسۇلۇپ، يېزىلاردىكى قالايمىقان ئىبادەتخانا سېلىش، دىنىي ھەيكەل ئورنىتىش داۋاملىق رەتكە سېلىنىپ تۈزىتىلىدۇ. ناھىيە، يېزا – كەنت ئۈچ دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئاممىۋى بىخەتەرلىكى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزىلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېزا ساقچى ئىشلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ. تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى تۇتقا، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تىرەك قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى، تۈجۈپىلەشتۈرۈلۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ‹‹ئاممىۋى خاراكتېرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، ئالدىنى ئېلىش›› قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  يەتتىنچى، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، گۈزەل يېزا – كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتى يارىتىلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە تۇرمۇشنى باياشات قىلىش ئاساس. ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممەيلەن بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، دېھقانلار ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، بىر ئىشقا يەنە بىر ئىشنى ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، يېزا – كەنتلەرنى بەختىيار، گۈزەل يېڭى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  (1) يېزا مائارىپ ئىشلىرى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلار يېتەكلىنىدىغان، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، شەھەر – يېزىلار بىر گەۋدە قىلىنىدىغان، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات مېخانىزمى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلاردا يەسلى مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. يېزىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، كەسپىي مائارىپ كۈچەيتىلىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى بىكار قىلىش تەدرىجىي تۈرگە ئايرىلىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزىلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەمگەكچىلەرگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ قوبۇل قىلدۇرۇلىدۇ ۋە ئالىي مائارىپ تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلدۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەر توپى ئالاھىدە مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. شەھەر، ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلىپ، مۇنەۋۋەر مەكتەپلەرنىڭ يېزىلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى دائىملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەھەر – يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى بىر تۇتاش تەقسىملىنىدۇ ھەم يېزا – كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇلىدۇ، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك ۋە ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  (2) يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شارائىتى بار، ئۆزى خالايدىغان، شەھەر – بازارلاردا مۇقىم ئىش ئورنى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى بار يېزا كۆچمە ئاھالىسى شەھەرلەرگە تەرتىپلىك ھالدا نوپۇسقا ئېلىنىپ، شەھەر – بازار ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يۆلەش ۋە يېتەكلەش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، يېزا – كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، ساياھەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق يېزا – كەنت ئالاھىدە كەسىپلىرى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت گۈللەندۈرۈلىدۇ. بىر تۈركۈم ئائىلىۋى سانائەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، يېزا – كەنت سېخى يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەردە مۇھىت سۆيەر كارخانىلارنى قۇرۇش ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، يېزا – كەنت ئىقتىسادىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ بېيىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمى كۆپەيتىلىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى كېڭەيتىلىپ، يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولۇشى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

  (3) يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى داۋاملىق يېزىلارغا قويۇلۇپ، يېزىلارنىڭ تاشيول، سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىر تورى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر، رادىيو – تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۈلگە ناھىيەلەر ۋاسىتە قىلىنغان ‹‹تۆت ياخشى يېزا يولى›› قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەنت، گۇرۇپپىلارغىچە تۇتاشقان قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. تەييار نېفىت ئىستېمال بېجىدىكى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراشقا ئىشلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. سۇ تېجەيدىغان، سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان زور سۇچىلىق ئىنشائاتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىدۇ، يېزىلارغا كىنېتىكىلىق توك يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى تۈزۈلىدۇ، يېزىلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. رەقەملىك يېزا – كەنت ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي يىرىك پىلان – لايىھەسى ياخشى تۈزۈلۈپ، يېزا رايونلىرىنىڭ كەڭ بەلباغ تورى ۋە 4 – ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن قاپلىنىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇچۇر تېخنىكىسى، مەھسۇلاتى، پايدىلىنىش ۋە مۇلازىمەت كەسپى بەرپا قىلىنىدۇ، يىراقتىن داۋالاش، يىراقتىن ئوقۇتۇش قاتارلىقلارنى قوللىنىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزا ئارىسىدىكى رەقەملىك ھاڭ تۈگىتىلىدۇ. مېتېئورولوگىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزىلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش چىڭ تۇتۇلىدۇ.

  (4) يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېما قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېغىر، ئالاھىدە كېسەللىرىنى داۋالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايدا داۋالانسا، توردا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش مۇستەھكەملىنىدۇ. شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. شەھەرگە كىرىپ نوپۇسىنى ئالدۇرغان يېزا كۆچمە ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى شەھەر – بازار تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كۆپ قاتلاملىق يېزا كۈتۈنۈش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. يېزىلاردىكى ئامانەت بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ھەم قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزىلاردىكى مېيىپلەر مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ.

  (5) ساغلام يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈچەيتىلىدۇ، يېزا رايونلىرىدا روھىي ساغلاملىق، كەسپىي كېسەل ۋە ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرلىرىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا – كەنتلەردىكى جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ توختاملىق مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، ئانا – بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ساغلاملىق مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. يېزا – كەنت ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  (6) يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىدۇ. يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئەخلەت، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىپ، تۈرلۈك بايلىق مەنبەلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەرخىل تەدبىرلەر كۈچەيتىلىپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئائىلە ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، گەندە بىلەن بۇلغىنىشنى تۈزەش تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇلىدۇ، زىيانسىز، پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېزلىتىلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كەمتۈكلۈكلەر تىرىشىپ تولۇقلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان رايونلارغا ماس كېلىدىغان يېزا يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسى يەكۈنلىنىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ، تېخنىكا جەھەتتىن تىرەك بولۇش ۋە يېتەكلەش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شىمالىي رايونلارنىڭ يېزىلىرىدا كۆمۈر قالاشنىڭ ئورنىغا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تېزلىتىلىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ بىخەتەر تۇرالغۇ كاپالەت مېخانىزمى تەدرىجىي ئورنىتىلىدۇ. يېڭىدىن سېلىنىدىغان دېھقان ئۆيلىرىنى پىلانلاش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش كۈچەيتىلىدۇ، ‹‹كاۋاك كەنت›› مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ياخشىلاش تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. يېزا – كەنت قىياپىتىنى قوغداش، ساقلاپ قېلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېزا قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا – كەنت ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، داڭلىق قەدىمىي دەل – دەرەخلەر ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىدۇ. ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

   سەككىزىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ياخشى قىلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئالدىنقى شەرت. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەم نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ھەم چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاپ، تېخىمۇ ئىنچىكە خىزمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش شەرت.

  (1) نامرات ئاھالە توغرا بېكىتىلىپ، دەل جايىدا يۆلىنىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىنى كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش كۈچەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش، ئەمگەك بىلەن مۇلازىمەت تىرىشىپ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلىدۇ. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ كۆچۈش، مۇقىم تۇرۇش، بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان ئالاھىدە نامرات ئاھالىگە قارىتا، كاپالەتلىك يۆلەش سىياسىتى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇلۇپ، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، مېيىپلەر ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش، تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  (2) دىققەت ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزلىك كۈچ چىقىرىلىدۇ. نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. چەكلىمە بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، زور يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنت، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ياردەم بېرىشنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق، سىياسەت جەھەتتىن مايىللاشتۇرۇش ۋە يۆلەش مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتى تىرىشىپ ياخشىلىنىپ، نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى نۇقتىلىق ئورۇندىلىنىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تۈر مەبلىغى ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلارغا سېلىنىپ، پۇل مۇئامىلە سېلىنمىسىنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىلىشىنى قوللاش كۈچەيتىلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆرسەتكۈچىدە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  (3) نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ. نامراتلارنى ماددىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى نامراتلارغا بېرىش بىلەن ئىچكى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش، سودا قىلىش ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىجىل، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. نامرات ئامما تايىنىۋېلىش ئىدىيەسىنى يېڭىشكە يېتەكلىنىپ، روھىي نامراتلىق تەدرىجىي تۈگىتىلىدۇ. تەكشى نامراتلىق ھالىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىش روھىي قىياپىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ياردەم بېرىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇكاپات تولۇقلىمىسى، ئەمگەك كۈچى ياردەم پۇلى، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش قاتارلىق مېخانىزملار تېخىمۇ كۆپ قوللىنىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىدۇ. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى كۈچەيتىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ناھىيە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى باش قوماندانلىق ئىشتابى بولۇشتەك ئاچقۇچلۇق رولى كۈچەيتىلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ مۇقىم بولۇشى ساقلىنىدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش قىلمىشى قاتتىق جازالىنىدۇ. 2018 – يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى قىلىنىپ، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، گەۋدىلىك ئىستىل مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ۋاقتى ئىلمىي بېكىتىلىپ، ساختىپەزلىك، سانلىق مەلۇماتتىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يۆلەش جەھەتتىكى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن سىرت، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈش، باھالاشنى تەشكىللىشىگە بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. جايلاردا بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاشنى قانات يايدۇرۇش قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى تۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتىكى غەم – ئەندىشىسى تۈگىتىلىپ، خىزمەت ئاكتىپلىقى قوغدىلىدۇ ۋە قوزغىتىلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يېتەكچى پىكرى تۈزۈلىدۇ. نامراتلارنى داۋاملىق ئازايتىش توغرىسىدىكى پىكىر تەتقىق قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  توققۇزىنچى، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەمىنات كۈچەيتىلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈش شەرت. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇبيېكتنى، مۇھىم ئامىلنى، بازارنى قوزغىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك.

  (1) يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى ئۇلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلار ئۇزاققىچە خاتىرجەم قىلىنىدۇ. يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ئۇچۇرىدىن ھەمتۈرتكىلىك ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ‹‹ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش›› تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كوللېكتىپ يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى باراۋەر قوغدىلىدۇ. يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن كېپىل بولۇش، پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھويلا – ئاران دېھقانچىلىق مەيدانى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باشلامچى كارخانا، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەشكىلاتى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى يېتىشتۈرۈلۈپ ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىك راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

  (2) يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېزلىتىلىپ، يېزا يەرلىرىدىن پايدىلىنىش، باشقۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۆي بىلەن يەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش ۋە ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا بېرىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېھقانلارنىڭ بىكار ئۆيلۈك يېرى ۋە بوش قالغان ئۆيلىرىگە قارىتىلغان سىياسەت مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆيلۈك يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش›› ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئۆيلۈك يەرگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆيلۈك يېرى بار دېھقانلارنىڭ سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆيلۈك يەر ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇۋاپىق جانلاندۇرۇلۇپ، ئۆيلۈك يەرنى قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ ھالدا سېتىۋېلىش، سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتتىق يولغا قويۇلىدۇ، يېزىغا چۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەردە داچا ۋە خۇسۇسىي بىنا سېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەنت يېرىدىن پايدىلىنىش پىلانى ئارقىلىق، كەنتنىڭ يەر ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، يېزىدىكى پارچە – پۇرات، تارقاق يەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ قىسمەن پىلاندىكى قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىدىن ئورنى ئايرىم تاللانغان يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى ۋە ئىستىراھەت ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن يەر قالدۇرۇپ قويۇلسا بولىدۇ. يېزىلاردىكى بىكار تۇرغان قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلاردا يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلارغا يېڭى كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىدىن مۇكاپات بېرىلسە بولىدۇ. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە يەر ئىشلىتىش سىياسىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  (3) يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنىڭ پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش، مەبلەغنى پايغا ئايلاندۇرۇش، دېھقانلارنى پايچىكلارغا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يېڭىچە رېئاللىشىش شەكلى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكىنى ئىچكى قىسىمدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ كونترول قىلىۋېلىشى ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ كىرىمنى تەقسىملەش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلار يۇقىرىدىكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلىنىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قانۇنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ فۇنكسىيەسى تولۇقلىنىدۇ. تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىگە بولغان مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، يېزا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا رايونى قاتارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىدۇ.

  (4) يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش – قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىپ، يېشىل ئېكولوگىيە يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلىدۇ، سىياسەت قورالى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ‹‹يېشىل ساندۇق›› سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى ۋە كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسەت سىستېمىسى تېزدىن ئورنىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ۋە باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، كۆپ مەنبەلىك بازار سېتىۋېلىش سۇبيېكتى تېز يېتىلدۈرۈلىدۇ، مەركەزنىڭ زاپاس ئاشلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مېخانىزمى، نىشانلىق سېتىش، ھۆددىگە ئېلىپ سېتىش قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئامبارلىرىنى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. دېھقانلارغا بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياردەم پۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارغا پايدا تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىدە تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، كۆپ قاتلاملىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا سىستېمىسى تېزدىن ئورنىتىلىدۇ.

   ئونىنچى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش كۈچەيتىلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش شەرت. ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەقلىي كۈچ، تېخنىكا، باشقۇرۇشنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئىختىساسلىقنى يېتىشتۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلاردىن لايىقىدا پايدىلىنىش كېرەك.

  (1) يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلىدۇ. كەسپىي دېھقانلار تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، يانداش سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنىڭ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ئارقىلىق ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تەربىيەلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى، باشلامچى كارخانىلار قاتارلىق سۇبيېكتلارنىڭ تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار يېزا – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىدۇ. جايلار كەسپىي دېھقانلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  (2) يېزا كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى بىر تۇتاش ئىشلىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يېزىلاردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرىدىغان فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان سۇبېيكتلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يېزا – كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ‹‹ناھىيە باشقۇرۇش، مەكتەپ تەكلىپ قىلىش›› يولغا قويۇلىدۇ. چەت، نامرات رايون، چېگرا، ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ياخشى يولغا قويۇلىدۇ، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش››، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانى قاتارلىقلار داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يېتىلىش پىلانى تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدۇ. يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشىنى قوللاپ، كەسىپنى (يۆنىلىشنى) جانلىق تەسىس قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار تەربىيەلەپ چىقىلىدۇ. بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كەسپىي باشقۇرغۇچىسى، ۋاسىتىچىلىرى، يېزا – كەنت ھۈنەرۋەنلىرى، مەدەنىيەت قابىللىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى قاتارلىقلار تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

  (3) پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى يېزا – كەنت ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش، مائاش – پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلار پىلانى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش يېزا ئىگىلىكى ئالىملىرى تۈرى چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ. تېرىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئېنىق ئايرىش ئاساس، بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان تەقسىمات سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى پاراۋانلىقى ۋە تىجارەت خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قىممەتنى ئاشۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەق ئېلىشىغا ئىجازەت بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

  (4) جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يۇرت رىشتىسى ۋاسىتە قىلىنىپ، كارخانىچىلار، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، مۇتەخەسسىس – ئالىملار، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پىلانلىغۇچىلار، ئارخىتېكتورلار، ئادۋوكات، ماھىر ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلار يېزىلارغا بېرىپ پىدائىي بولۇش، مەبلەغ سېلىش، كەنت – تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، دوختۇرلۇق قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش، پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش، قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلىنىدۇ ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. باشقۇرۇش چارىسى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ۋەزىپە ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلار زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىنىپ، يېڭى دېھقانلار يېتىشتۈرۈلىدۇ. سودا – سانائەت كاپىتالىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر تېزدىن تۈزۈپ چىقىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، قەرز بېرىش، يانداشما ئەسلىھە تولۇقلىما ياردەم پۇلى، باجنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت چەك – چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كۈچى جارى قىلدۇرۇلۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېزا كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى ئاجىز ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىقلارنى قوللىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ‹‹ئاياللار ھەرىكىتى›› يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلارغا چۈشكەن تەشكىلاتلار ۋە خادىملارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئۇلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىجابىي كۈچكە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  (5) يېڭىلىق يارىتىشچان يېزا – كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بىرلەشتۈرۈلگەن، ئوقۇش تارىخى مائارىپى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلغان ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. شەھەر – يېزا، رايون، مەكتەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. شەھەردىكى دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ يېزا – كەنتلەرگە قەرەللىك مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. شەھەر كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئىلھلاملاندۇرۇش سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

   ئون بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، پۇلنى قەيەردىن تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شەرت. سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، پۇل مۇئامىلىسى نۇقتىلىق مايىل بولۇش، جەمئىيەت پائال قاتنىشىشتەك كۆپ مەنبەلىك سېلىنما قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سىجىل كۆپىيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (1) مالىيە سېلىنمىسىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مالىيە سېلىنمىسى كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مالىيەسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا تېخىمۇ زور دەرىجىدە مايىللاشتۇرۇلۇپ، مالىيە سېلىنمىسىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشان ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مالىيەنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ساھە ئىچىدىكى مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش، ساھەلەر ئارىسىدىكى مەبلەغ بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تۇتاش پىلانلاش بوشلۇقى كېڭەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش تېزلىتىلىدۇ. مالىيە مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ يۈزلەندۈرۈلىدۇ. مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك سىستېمىسىنىڭ رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، مالىيەنىڭ كېپىللىك ھەق نىسبىتى تولۇقلىما ياردەم پۇلى ۋە تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى تەسىس قىلىش تېزلىتىلىپ، كېپىل بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا يېتەكلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى زايومنى تارقىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ساھەسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈرىگە ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايوم باشقۇرۇش ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈر مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە پايدىنى تەڭپۇڭ ساقلىيالايدىغان مەخسۇس زايوم تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇئەييەن پايدىسى بار يېزا – كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈر قۇرۇلۇشىنى قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نامى بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ.

  (2) مەبلەغ توپلاش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ. يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنى ئىشلىتىش دائىرىسى تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا سېلىنمىسى نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. پايدىلىنىلمىغان يەرنى ئېچىش قاتتىق تىزگىنلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەشكە تولۇقلىما بېرىش تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسى ياخشىلىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش، ئازايتىشنى چېتىش، ئېشىنچا كۆرسەتكۈچتە ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ئېرىشكەن پايدىنىڭ ھەممىسى چىقىم خامچوتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلار بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغان كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. (3) پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەنبەگە قايتىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سەپلىنىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەس، مەۋھۇم ئىقتىسادنى قوللاش خاھىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، خەۋپ – خەتەر قاتتىق باشقۇرۇلۇپ ۋە كونترول قىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىش چىڭ تۇتۇلىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كىرېدىت ياردىمى زورايتىلىدۇ. يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۇپ، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ناھىيەلەردىكى قانۇنىي ئىگىلىك ئورنى ۋە سانى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، كەنت – بازار بانكىسى ئىجازەت شەرتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇھىم نۇقتىسى يېزا – كەنتلەرگە قويۇلىدۇ. ئامانەت پۇل قوبۇل قىلمايدىغان قەرز بېرىش تەشكىلاتلىرى نىزامى يولغا قويۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىنى باھالاش چارىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ پىيىنى بازارغا سېلىشىغا، پاي بازىرىغا كىرىپ ۋىۋىسكا ئېسىشىغا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە، سېتىۋېلىپ قايتا تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاز مال قەرەللىك ھوقۇق بازىرى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۇپ، ‹‹سۇغۇرتا + زاكاز مال››نى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۇختا كېڭەيتىلىپ، ‹‹زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى + سۇغۇرتا + زاكاز مال(ھوقۇقى)››نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى پەرقلەندۈرۈپ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى ياخشىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ.

   ئون ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە ئۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ھەقىقىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  (1) پارتىيە يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، شەھەر بىلەن يېزىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش پىرىنسىپىنى ھەرقايسى جەھەتلەردە نامايان قىلىشى كېرەك. پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتكوم يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە مەسئۇل بولىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ. پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولىدۇ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى تۇتىدۇ. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ‹‹بىرىنچى سېپىنىڭ ياخشى باش قوماندانى›› بولىدۇ. ھەرقايسى تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى، بايلىق مۇھىم ئامىللىرى بىلەن قوللاشنى ۋە تۈزۈم بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەت ئورگىنى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتى ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە خادىم سەپلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەدبىر بەلگىلەشتە مەسلىھەت بېرىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يوللىشى كېرەك. ناھىيە، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، باھالاش نەتىجىسى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

  (2) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ. پارتىيە بارلىق خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپى بويىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئەنئەنىسى، تەلىپى، سىياسىتى قاتارلىقلار پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى شەكلىدە بېكىتىلىپ، يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، تەلىپى، خىزمەت دائىرىسى ۋە ئوبيېكتى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  (3) يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىش، يېزىلار ۋە دېھقانلارنى سۆيۈش ئاساسىي تەلەپ قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، سەپلەش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كۈچەيتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى چۈشىنىشى، بۇ خىزمەتنى تۇتۇشنى بىلىشى، مەسئۇل رەھبەرلەر يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈلۈپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى تارماقلىرى ۋە يېزا – بازار كادىرلىرىنىڭ كېلىش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ. يېزىلاردىكى بىرىنچى سەپتە خىزمەت بىلەن چېنىقتۇرۇش كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  (4) يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018 – 2022)نى تۈزۈپ، 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 2022 – يىلى پارتىيە 20 – قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقىچە بولغان مەزگىلدىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرقانچە زور قۇرۇلۇش، زور پىلان، زور ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇردى. جايلار ۋە تارماقلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يەرلىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانى ياكى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ۋە سىستېمىلىق جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شەھەر – يېزا بىرلەشتۈرۈلگەن، رايونلار بىر گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل بەلگىلىمىلەر بىرلىككە كەلگەن يىرىك پىلان سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ھازىرقى تەرەققىيات ھالىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شارائىت ھازىرلىغان كەنتلەردە، شەھەر – بازار ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىدۇ؛ تەبىئەت، تارىخ، مەدەنىيەت بايلىقى مول كەنتلەردە قوغداش بىلەن تەرەققىيات بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ؛ شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز كەنتلەردە ئېكولوگىيەلىك سەۋەبتىن ئاھالىنى كۆچۈرۈش كۈچەپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (5) يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار ئۈنۈملۈك سىياسەتلەر قانۇنلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كاپالەتلىك ۋە تۈرتكىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قانۇن – نىزاملار ۋاقتىدا تۈزىتىلىدۇ ۋە بىكار قىلىنىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. جايلار ئۆز جايىدىكى يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. يېزا – كەنتلەردە ئىستاتىستىكا خىزمىتى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىش، پايدىلىنىش كۈچەيتىلىدۇ.

  (6) يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياخشى كەيپىيات يارىتىلىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، پارتىيەنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە جايلارنىڭ مول ئەمەلىي تەجرىبىلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ روھى ئۇرغۇتۇلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئاقىللار ئامبىرى تەشكىللىنىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار جۇڭگو ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تەقدىم قىلىنىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى