تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3–ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

سۈن جىنلۇڭ، پېڭ جيارۈي دوكلات بەردى

     ياۋ تۇڭ، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، بىڭتۈەننىڭ 2017 – يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلەندى، 2018 – يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ ئومۇمىي يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندان پېڭ جيارۈي ئىقتىساد خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

   چېن چۈەنگو سۆزىدە بىڭتۈەننىڭ 2017 – يىلى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، شۇڭا ‹‹سەككىز جەھەتتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››نى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

   بىرىنچى، ئۇلۇغ بايراقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ياخشى ئوقۇش، ئەسلىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ياخشى ئۆگىنىش، قائىدىسىنى بىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق ئۆگىنىش، قايتا – قايتا ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ۋە ئۇزاققىچە ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىش، مۇتلەق سادىق بولۇش، بۇرچ ۋە زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، بۇ ئىدىيەنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئۇنى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

   ئىككىنچى، يادرونى قەتئىي تەۋرەنمەي سادىقلىق بىلەن قوغداش شەرت. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە دەپ بىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

   ئۈچىنچى، باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ ماسلاشقان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىپ، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

   تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا بېكىتكەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بېرىلگەن ھوقۇقنى ياخشى تاپشۇرۇۋېلىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئىسلاھاتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن توغرا يۆنىلىش بويىچە ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىكى خاس ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   بەشىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش شەرت. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇسنىڭ يىغىلىشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى – تۈەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆتۈرۈش كۈچى، تۈرتكە كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئالتىنچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىش شەرت. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، سۈپەت، ئۈنۈم، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   يەتتىنچى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە بىرلەشمە ئالاقە يىغىنى مېخانىزمى، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم مەسىلىلەرنى كېڭىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كەسىپلەر ئىش تەقسىماتى سىستېمىسى، قېلىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن بازار سىستېمىسى، ئۆزئارا راۋان بولغان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، ھەمبەھرە بولىدىغان جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   سۈن جىنلۇڭ خىزمەت دوكلاتىدا بۇلتۇرقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم خۇلاسىلىدى، بۇ يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر  – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ‹‹ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە››نى ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹تۆت چوڭ رول››نى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش، بىڭتۈەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۈەننىڭ كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۈەننىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹بەشتە بىللە بولۇش، بىرنى ئىلگىرى سۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى قوراللاندۇرۇش، ئىستىل، كەيپىيات دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن بىڭتۈەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   پېڭ جيارۈي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ يېڭى دەۋردە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئاچقۇچنى ئىگىلەش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇقىم، بىخەتەر، ياخشى مۇھىت يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى›› ماقۇللاندى.

   بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.