تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلايلى ۋە ئىلگىرى سۈرەيلى

 ــــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ــــ شىنجاڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما، شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇڭا، بىز چوقۇم دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپلا قالماي، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقىمۇ ياخشى ئاساس سالدى.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، شىنجاڭ زامانىۋىلاشمايدۇ، يېزىلار ئىناق، مۇقىم بولمىسا، شىنجاڭ ئىناق، مۇقىم بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىدا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش سەۋىيەسى، تەمىنلەش سۈپىتى، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازار رىقابىتىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس؛ يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قەرز بىر قەدەر كۆپ؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ، شەھەر – يېزا، يېزا – چارۋىچىلىق رايونلىرى ئارىسىدىكى تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، يېزا – كەنتلەرنىڭ تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىساقلا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك دەرىجىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈشى، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز. بىزدە كالا يېتىلىسەڭ، بۇرنىدىن يېتىلە، دەيدىغان گەپ بار. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە.

  باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى كۈچەپ پۇختىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي – ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزىلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ۋە جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بولۇپمۇ خەلقنىڭ توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك.

  باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە، يەنە يېزا – كەنتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تىنچلاندۇرۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئۇلنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىنچ، ئىناق مەدەنىي، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى