تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ناتۇنۇش كىشىلەرنى سەككىز يىل ھەقسىز توشۇغان جۇ چۇنجى

48 ياشلىق جۇ چۇنجى ۋە ئۇنىڭ ناتونۇش كىشىلەرنى ھەقسىز توشۇغان ئاپتوموبىلى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 30-يانۋار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن 48 ياشلىق جۇ چۈنجى ئۆزگەرتكەن ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى. ئۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) نىڭ گاڭچېڭ بۆلەك رايونىدىكى «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بالنېتسىدىن چىققان بىمارنى ئۆيىگە ئاپىرىش جەريانىدا ئېھتىياجى بار باشقا كىشىلەرنىمۇ ئاپتوموبىلىدا ھەقسىز توشىدى.

  جۇ چۇنجى غەربىي ۋوگزال بۆلەك رايونى چيەنيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالە بولۇپ، بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىكتە پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ قولدا كونترول قىلىدىغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ناتونۇش كىشىلەرنى ھەقسىز توشۇشنى سەككىز يىل داۋاملاشتۇرغان.

  بۈگۈن ئۇ توشۇماقچى بولغان بىمارنىڭ ئىسمى يې خۇڭ بولۇپ، ئۇ بىر ھەپتە ئىلگىرى يىقىلپ كەتكەنلىكتىن، بەل ئومۇرتقىسى ۋە سول قولى سۇنۇپ كەتكەنىدى. جۇ چۇنجى يې خۇڭنىڭ بۈگۈن بالنېتسىدىن چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدى.

  «ئۇ ماڭا بەك قىزغىن ياردەمدە بولدى. تېلېفون قىلساملا ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى»،- دېدى يې خۇڭ تەسىرلەنگەن ھالدا. يې خۇڭ ئالتە يىل ئىلگىرى بىر خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدە جۇ چۇنجى بىلەن تونۇشقان بولۇپ، كېيىن يې خۇڭنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بالنېتسىدا ياتقاندا، بالىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا جۇ چۇنجى ئۇلارنى ھەقسىز توشۇغان ئىدى.

  جۇ چۇنجى يې خۇڭنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، يەنە يولبويى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئىزدەپ ماڭدى. گاڭچېڭ مەكتىپى بېكىتى ئەتراپىدا ئۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ ئىككى ياشانغان كىشى دېڭ يۈكەي بىلەن ۋاڭ مىڭجېن بولۇپ، چاغانلىق ماللارنى سېتىۋالغىلى بازارغا چىققانىدى. بازار ئۆيىگە يېقىن بولۇپ، پىيادە قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ يولدا كېتىۋاتقىنىدا جۇ چۇنجى ئۇلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. يول بويى جۇ چۇنجى يەنە يولدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئاياللارنى ئاپتوموبىلىغا سېلىۋالدى، يولدا يەنە ياردەمگە موھتاجلارنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  ـــ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم مەھەللە كومىتېتىغىمۇ ئېچىۋېتىلگەن. كۈندە تۆت، بەش قېتىم ياردەمگە موھتاجلارنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالىمەن. ياردەمگە موھتاج بولسىلا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن، - دېدى جۇ چۇنجى.

  جۇ چۇنجى يەنە توردىن زاكاز ساقلايدىغان تاكسى شوپۇرى بولۇپ، زاكاز يوق ۋاقىتلاردا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلاتتى.

  «شىنجاڭ مېيىپلەر C5 ئاپتوموبىل ئەترىتى» نىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يەنە نۇرغۇن كىشىنى ئۆزىنىڭ خەير-ساخاۋەت سېپىگە قوشۇۋالدى.

  2010-يىلى 1-ئاپرېل ئاپتونوم رايونىمىز تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»نى مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە ئىجرا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئوڭ پۇتى مېيىپ، ئىككى پۇتى مېيىپ، قۇلىقى ئېغىر، ئوڭ قول باش بارمىقى كەمتۈك ۋە قول بارماقلىرىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى كەمتۈك كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە تۇنجى قېتىم رۇخسەت قىلىندى.

  يېڭى بەلگىلىمە چىقىشى بىلەن جۇ چۇنجى پىراۋا ئالدى ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى باشلىۋەتتى.

  2012-يىلى «شىنجاڭ مېيىپلەر C5 ئاپتوموبىل ئەترىتى» نىڭ قۇرۇلغىنىدا ئارانلا 20 نەچچە ئادىمى بار ئىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ QQ توپىدىلا 500 دىن كۆپرەك ئادەم بار. ئۇلار جۇ چۇنجىغا ئوخشاش مېيىپ كىشىلەر بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ھازىر ئۇلار قولىدىن كېلىشىچە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى