تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغاندا، قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ

     بىر قىسىم بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە راك ھۈجەيرىلىرى پەقەت بالياتقۇ بوينىدىلا بولۇپ، تېخى ئەتراپتىكى توقۇلمىلارغا تارالمىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بىماردا ئادەتتىكىدىن پەرقلىق بىرەر بىئاراملىق بولمايدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلدە بالياتقۇ بوينى ھۈجەيرە سۇۋالمىسى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى بايقىغىلى بولۇشى مۇمكىن. دەسلەپكى دەۋردىكى بالياتقۇ بوينى راكىنى ھېس-سەزگۈگىلا تايىنىپ بايقاش ناھايىتى قىيىن.

    جىنسىي يولدىن قان كېلىش. بۇ بالىياتقۇ بوينى راكىدا ئەڭ دەسلەپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئالاھىدە ھوشيار بولۇش لازىم. ئاياللاردا جىنسىي يولدىن قان كېلىش نورمال ۋە بىنورمال قان كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەۋرلىك ھەيز كېلىش نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىگە مەنسۇپ، ئەمما جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قان كېلىش ياكى ھەيزنىڭ دەۋرىيلىك قانۇنىيىتىدىن ھالقىغان قان كېلىش قاتارلىقلار بولسا بىنورمال قان كېلىش تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇ سىزنىڭ مەلۇم كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر خىل ئەھۋالمۇ مەۋجۇت، بەزى ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىنمۇ جىنسىي يولدىن ھەيزگە ئوخشاش قان كېلىدۇ. بۇ « ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنكى قان كېلىش» دېيىلىدۇ. ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن كەلگەن قان ناھايىتى ئاز مىقداردا بولغان تەقدىردىمۇ قەتئىي سەل قارىماسلىق، دوختۇرخانىغا  بېرىپ تەكشۈرتۈش قان كېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش لازىم.

     ئاق خۇن بىنورمال بولۇش. ئاق خۇن جىنسىي يولنىڭ ئاجرالمىسى بولۇپ، ئاق خۇندىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر بالىياتقۇ بوينى راكىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، راك ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ، ئۆسمە يوغنىغانسېرى ئاق خۇنمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەگەر راك بولغان ئورۇن نىكروزلىنىپ، يۇقۇملانسا، ئاق خۇن دۇغلىشىپ، گۈرۈچ يۇغان سۇدەك كېلىدۇ، ئالاھىدە بىر خىل سېسىق پۇرايدۇ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاق خۇنغا ئارىلاش كەلگەن قان بارغانچە كۆپىيىدۇ، ئەگەر راك چوڭراق تومۇرلارنى زەخىملەندۈرسە، ئېغىر قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان زىيادە كۆپ چىقىپ تىزگىنلىگىلى بولمىسا، بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كۆپىنچە ھاللاردا قىيىنغا توختايدۇ.

    سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر. بالىياتقۇ بوينى راكى بىمارلىرىنىڭ بۇ ئىككى سىستېمىسىدا بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەتراپقا يامرىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.راك ھۈجەيرىلىرى دوۋساققا يامرىغان بولسا، بىماردا تولا سىيىش، سىيگەندە ئاغرىش ياكى قان سىيىش، ھەتتا سۈيدۈك كەلمەسلىك ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر راك ھۈجەيرىلىرى تۈز ئۈچەيگە يامرىغان بولسا، بىماردا كۆپىنچە قورساق ئاغرىش، چوڭ تەرەت جىددىي قىستاش، چوڭ تەرەت چالا قالغاندەك ھېس قىلىش، چوڭ تەرەتتە قان كېلىش ياكى قىينىلىپ تەرەت قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

   ئورۇقلاش. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇقلاپ كېتىدۇ، بۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ۋە كۆچۈش جەريانىدا نورمال ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئېنېرگىيەنىڭ كۆپ مىقداردا سەرپ قىلىنىشى نەتىجىسىدە بەدەندىكى مايلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەچكە بىمار ئورۇقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا تۇيۇقسىز ئورۇقلاپ كەتكەن ھەمدە بۇنى چۈشەندۈرگىدەك باشقا سەۋەب تاپالمىغانلار دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ، راكقا گىرىپتار بولغان- بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك. راك بىمارلىرى بولۇپمۇ كېسەللىكى ئاخىرقى دەۋرگە بېرىپ قالغان بىمارلار ئورۇقلاپ، « بىر تېرە بىر ئۇستىخان» بولۇپ قالىدۇ.

(«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابتىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى