تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

   ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن، نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن تەرمىلەر

  سىياسىي ئەقىل – پاراسەتكە ۋە نەزەرىيەۋى جاسارەتكە ئىگە نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى ئابلەت مەمەت

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىگىلىشىمىزدە مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئۈچ جەھەتتىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.

  ئۇلۇغ ئەسەر، زور مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇر ھېسسىيات. ئۇلۇغ ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى مەسئۇلىيەتچانلىقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابتىكى ھەر بىر پارچە ئەسەردە، دەل ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جان پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، جۇڭگونى قۇتۇلدۇرۇشتەك قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى يورۇتۇپ بېرىلگەن. زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا جەزمەن چوڭقۇر ھېسسىيات بولۇشى كېرەك. بۇ خىل چوڭقۇر ھېسسىيات دەل دۆلەتكە، خەلققە ۋە پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، كۆيۈمچانلىقتا بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ ئەڭ تۈپ مەنپەئىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشى تولۇق ئىپادىلەنگەن.

  ئۇلۇغ نىشان، ئۇلۇغ پىلان، ئۇلۇغ پەلسەپە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، يىراق كۆزلىنىپ چوڭقۇر پىلان تۈزۈلگەن؛ ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن، سىستېمىلىق پىلانلانغان؛ ئەمەلىي، ئاددىي – ساددا بولۇپ، بىلىش بىلەن قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇلۇغ نىشان، ئۇلۇغ پىلان، ئۇلۇغ پەلسەپە مۇجەسسەملەنگەن. كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئەمەلىي بولۇشى كېرەك، دېگەن بىر قاتار تەلەپ، يەنى ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش؛ پىلان تۈزۈشتە، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادەم بولۇشتا راستچىل بولۇش؛ ساختىلىق قىلماسلىق، نام – ئابرۇي قوغلاشماسلىق قاتارلىقلار مۇجەسسەملەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە ھەقىقەت كۈچى بىلەن پەزىلەت كۈچىنىڭ بىرلىكىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.

  ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ ئەمەلىيەت، ئۇلۇغ نەتىجە. بۇ ئۇلۇغ دەۋردە بىز جەزمەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، بارلىق ھەرىكىتىمىزدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ، ۋەزنى بار، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشنى نەزەرىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن

  خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ روھى ۋە ئاساسىي لىنىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە خەلقنى مەركەز قىلىش نامايان قىلىنغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى. بۇ بىزدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىزنى؛ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مەن كىم، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، كىمگە تايىنىمەن›› دېگەن مەسىلىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى جەھەتتە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىش شەرت. خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىش كېرەك. بۇ بىزدىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش ئاساسىدا، تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا باھا بېرىشتە خەلقنى مەركەز قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق پارتىيەمىز خىزمەتلىرىنىڭ ئالىي ھۆكۈم قىلغۇچىسى ۋە ئاخىرقى باھا بەرگۈچىسى. ئۆيدىن تامچا ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكىنى ئۆيدىكى ئادەم ئېنىق بىلىدۇ، سىياسەتنىڭ ياخشى يۈرگۈزۈلگەن – يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئاۋام ئېنىق بىلىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلققە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى باھالىتىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا يەنىمۇ ئېرىشىش كېرەك.

  بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئاپتونوم رايوننىڭ كادىر تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي يولى، ئاساسىي بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى›› مەخسۇس دەرسى تەسىس قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ پەن ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى ۋە سىستېما ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ – چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىمىزنى پائال ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  يېڭى ئىدىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى بۇرچنى دادىل زېممىمىزگە ئالىمىز

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى، مول مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسى جانلىق خاتىرىلەنگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقات كۈچلىرىنى توپلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، نەزەرىيە تەتقىقاتى، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  بىرىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە شەرھلەشنى ياخشى ئىشلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىدە نەزەرىيەنى شەرھلەش، نەزەرىيەنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش – ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بويىچە شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىدىيە، نەزەرىيە يۈكسەكلىكىنى ياخشى ياراتتى.

  ئىككىنچى، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئاساس قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا كىرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ‹‹ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى قەتئىي بوشاشماي تارقىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قەتئىي بوشاشماي يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي بوشاشماي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ‹‹ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان›› لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلارنى تەربىيەلىدى.

  ئۈچىنچى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلىپ، تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە تارقىتىش ۋە باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇنى ھەر تەرەپلىمىلىك بولۇش، پۈتۈن جەريانلىق بولۇش، ھەممە خادىم ئادەم تەربىيەلەشتەك تەربىيەلەش – ئوقۇتۇش جەريانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭدۈردى.

  ‹‹چۈشەندۈرۈش››، ‹‹ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش››، ‹‹قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش›› جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس شۈ رۈيجۈن

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومىدا ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ داھىيلىق خىسلىتى ۋە كىشىلىك جەلپكارلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگونى چۈشىنىشىگە يېڭى كۆزنەك ئېچىپ بېرىلگەن.

  مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ‹‹چۈشەندۈرۈش››، ‹‹ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش››، ‹‹قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش›› جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى. بىز ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ‹‹بەش چوڭ قوشۇن›› نى تەشكىللەپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان بۇ يېتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ‹‹تۆت ئاڭ›› نى كۈچەيتىش ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ›› نى مۇستەھكەملەش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭ تارىخى، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىيلىكى بار يېڭى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇنىيەتلىك يېڭى ئەمەلىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

  پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ يۈەنفېڭ

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ. 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە يېزا – بازارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تۆت قارار نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەندى، ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىردىن 872 سى تەربىيەلەندى، كېيىنكى قەدەمدە يەنە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىر، ناھىيە (شەھەر، رايون) لەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلار ئۆز جايىدا ئىككى قارار مەركەزلىك تەربىيەلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، تەربىيەلەشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، تەربىيەلەش ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. تەربىيەلەش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سەككىز تۈرلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئون يېڭى ۋەزىيەت›› يارىتىش جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ياچېيكىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى ئىنتايىن مۇھىم، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاچقۇچ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىدىن 8726 كىشىنى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىدىن 2400 كىشىنى نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەشنى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى مۇددەت ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ، نۆۋەت بىلەن بىر قېتىم تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇردى... ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ ‹‹تايانچ››لىق، ‹‹سەركە››لىك رولىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى