تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جېلىل خېلىل

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۈكسەك ئالدىن كۆرەرلىككە، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزانى ھېسابلىنىدۇ. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەڭگۈ مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتى بىلەن، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، ئەڭ قەتئىي مەدەنىيەت جەڭچىسى بولۇپ، مەدەنىيەت قورالىنى قولۇمغا ئېلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى پاش قىلىش ۋە تەنقىدلەش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىمەن، ئاممىنى يېتەكلەشتە باشلامچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىمەن، تەشۋىق قىلىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى سوتسىيالىزم داغدام يولىغا باشلىغانلىقىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك، خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ھازىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئېتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، دۈشمەنگە بىرلىشىپ قارشى تۇرىدىغان خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش، ئاساسنى پۇختىلاشتىكى خەلقچىل بولىدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، چەكسىز شادلاندى.

  بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر زامان، ھەر ماكان، ھەر ئىشتا، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىزنىڭ ئىزچىل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشىنى نامايان قىلىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىتىپ، ھەممە ئائىلىگە، ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. دۈشمەننىڭ قاتتىق باش قاتۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشى، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دۈشمەن ئىتتىپاقلىققا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، بىز ئىتتىپاقلىقنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىسى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى پائال تارقىتىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى، بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غەيرەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم، تىنچ ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى