تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››قەلب سادايىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر تۇرغۇن مەمەت

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: بىز ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە مۇتلەق يول قويمايمىز، دەپ تەكىتلىدى. بۇ ‹‹ئالتە ھەرقانداق›› يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، تولۇق ئىشەنچىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، تېگىشكە بولمايدىغان تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىقنى سىزىپ بەردى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى چوقۇم قاتتىق چۆچۈتىدۇ. بۇ ‹‹ئالتە ھەرقانداق›› جۇڭخۇا ئىلىدىكى 56 مىللەتنىڭ قەلب ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇقىملىق كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنىڭ ئاساسى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي بولۇشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىق ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا، ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ بولىدۇ.

  چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي ھېسسىياتى ۋە دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى قۇترىتىپ، ئالداپ، زەھەرلەپ، مەجبۇرلاپ، ۋاسىتە تاللىماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، ئۇلارغا چوقۇم قەتئىي يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بىز ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنى ھەقىقىي ساپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى بىر يىلدا يېڭى كەيپىيات بولۇشى، بولۇپمۇ يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قايتا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى.

  پارتىيە ئەزاسى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ‹‹ساغلاملىق مۇھاپىزەتچىسى›› بولۇش مۇقەددەس بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› شەرەپلىك بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ‹‹ئون رېتسېپى››نى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىستېمىدىكى ھەر بىرەيلەن جەڭچى ۋە تەشۋىقاتچى، دەيدىغان قاراشنى تىكلەپ، ئاۋۋال ئۆز ئىدىيەمىزگە كېسەل يۇقتۇرماي، زامانىۋى تېببىي بىلىم ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى، قائىدىنى چۈشەندۈرۈشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى كونا قائىدە – يوسۇن، قالاق ئۆرپ – ئادەتلەرنى تۈگىتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئىلىم – پەننى ھۆرمەتلەيدىغان، خۇراپاتلىقنى يوقىتىدىغان، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تىكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشىمىز كېرەك. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن، ئەتراپىمىزدىكى ئادەم، ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مىكرو›› ھەرىكەتلەر ئارقىلىق زور ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەمبەرچاس باغلانغان، بىر – بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى