تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى يېتەكلەيمەن، ئىلھاملاندۇرىمەن

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا–ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، جەزمەن بازغانچىدەك بېلىمنى چىڭ باغلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرىمەن. غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئىدارىدىكى ئارتىسلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئېڭىنى كۈچەيتىمەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىدە، ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار، تېخىمۇ مۇھىمى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئۆزگىچە ئۇسۇل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. بىز سەنئەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېتۇتتىن ئىبارەت ئامما ياقتۇرىدىغان سەنئەت شەكلى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيەلەيمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىمىز ۋە تەنقىدلەيمىز؛ مۇزىكىلىق دىراما ۋاسىتىسى ئارقىلىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپلەرنى ۋە يۇرتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىمىز؛ ناخشا – ئۇسسۇل ئارقىلىق كۆپچىلىككە خۇشاللىق بېغىشلاپ، قەلبنى ساپلاشتۇرىمىز. قىسقىسى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تارقىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش داۋامىدا ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىمىز، ‹‹ئىممۇنىتېت كۈچى››نى ئاشۇرىمىز.

  ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بىزنىڭ خىزمەت يۆنىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سەنئەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، سەنئەتنى قورال، سەھنىنى بازا قىلىپ، سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەربىيەلەپ، يەرلىك پۇراققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمىز. مەدەنىيەت – سەنئەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە ناخشىلىرىمىزنى ياڭرىتىپ، ئۇسسۇللىرىمىزنى ئويناپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك گۈللىرىنى يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز.

  پارتىيەلىك كادىر، شۇنداقلا بىر ئايال، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىشىلىك ھايات مۇساپەمنى ئەسلىگىنىمدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولسا، بىز ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي ئورنىمىز بولمىغان بولاتتى. مەن شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى: بىز ئاياللار جەزمەن ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئاممىنى ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى