تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى

شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

     ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2-ئاينىڭ 7-كۈنى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا –كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار يولغا قويۇش پىكرى (مۇزاكىرە لايىھەسى)نى مۇھاكىمە قىلدى.
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە قانداق قاراش، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى قانداق ياخشى تۇتۇشقا ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى چوڭقۇر شەرھلەندى، پارتىيەنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش گەۋدىلىك تەكىتلەندى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق ئىپادىلەندى، دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان. بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ياڭنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى مۇھىم ئىشنىڭ مۇھىمى قىلىشتا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان، يېزا مەدەنىي، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە-مېخانىزمى، سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانلارنى جەلپكار كەسىپكارلارغا، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەملىكەت بىلەن بىللە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش، ھەر يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەنى يېزا-كەنتلەرگە ئۇزارتىشنى، جامائەت مۇلازىمىتىنى يېزا-كەنتلەرگە كېڭەيتىشنى، تېخىمۇ مۇھىم ئامىللارنى يېزا-كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىرلەشكەن، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، يېزىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى كۈچەپ پۇختىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا يېرى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇشتا، ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورنىدا، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللىق ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە ئۆتۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئەۋزەل خاس يېزا ئىگىلىكىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن تىجارىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ئاستىراق بولسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي قۇربان قىلماي، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى، يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ تەبىئىي كاپىتالىنى تېز ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشتا، كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىشتە، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك. يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئالتىنچى، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مېخانىزمنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرى قويماي، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. يەتتىنچى، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ۋە جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ناچار ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزىلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. سەككىزىنچى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئاۋام قاتنىشىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە مۇكەممەل، زامانىۋى يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىنچ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. توققۇزىنچى، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ بايلىق ئامىللىرىنى تىرىشىپ ئاكتىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتكوم ئومۇميۈزلۈك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدىغان، پارتكوم يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئۆزى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى چۈشىنىشى، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى تۇتۇشنى بىلىشى، مەسئۇل رەھبەرلەر ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇپ، تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان يېزا خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مالىيە ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىش، پۇل مۇئامىلىدە نۇقتىلىق مايىللىشىش، جەمئىيەت ئاكتىپ قاتنىشىشتەك كۆپ مەنبەلىك سېلىنما ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سېلىنما سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسز ئېشىشى، ئومۇمىي مىقدارنىڭ سىجىل كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، پىلاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئوخشىمىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ھەم ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىقنى نامايان قىلىشنى، ھەم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاش كېرەك. بەشىنچىدىن، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى قوللايدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ‹‹توققۇز جەھەتتىن كۈچەش›› نى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەمگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى باسقۇچلار بويىچە تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، ۋەزىپە تەقسىماتىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
     يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.
     يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز) غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى