تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مۇدىر ۋە ئۇنىڭ مېيىپ تۇغقىنى

مۇيەسسەر ئاباھامىت

     ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى خابا كوچىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت توختى 2017 – يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلېفون ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. تېلېفون بەرگۈچى ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى پەن دۇڭيىڭنىڭ دادىسى پەن يۇڭلياڭ ئىدى. پەن دۇڭيىڭنىڭ نېرۋا كېسىلى بار بولۇپ، شۇ كۈنى كېچىدە ئۇنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا شۆھرەت توختىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش پەن دۇڭيىڭنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئادەت بولۇپ كەتكەنىدى. شۆھرەت توختى ئۇلارنىڭ قانداق ۋاقىتتا تېلېفون بېرىشىدىن قەتئىينەزەر قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئۈنەتتى.

    پەن دۇڭيىڭنىڭ يېقىندىن بۇيان كېسلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان، تالاغا قېچىپ چىقىپ  كېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ كۈنى كېچىسى ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسى ئۇنى باشقۇرالماي ئامالسىز شۆھرەت توختىغا تېلېفون قىلغانىدى. شۆھرەت توختى دەرھال پەن دۇڭيىڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، كېسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئارىدا پات – پات بېرىپ يوقلاپ تۇردى. پەن دۇڭيىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن كېسەل ئەھۋالى ياخشىلاندى، شۆھرەت توختى ئۇنى يوقلاپ كەلسە مۇڭداشقۇدەك، قىلغان ياخشىلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتقۇدەك بولۇپ قالغانىدى.

   شۆھرەت توختى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر، ياردەمگە ئەڭ موھتاج ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشماقچى بولدى. پەن دۇڭيىڭ مۇشۇ تەۋەلىكتىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ئىدى. شۆھرەت توختى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، پەن دۇڭيىڭنىڭ ئەسلىي بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى ئىكەنلىكىنى، كېسەل سەۋەبىدىن ئىشلىيەلمەي خىزمەتتىن چېكىنىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتى، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي بىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە باردى. پەن دۇڭيىڭنىڭ ئاتا – ئانىسى ياشىنىپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە نېرۋىسى ئاجىز يەنە بىر تاغىسىمۇ بار ئىدى. پەن دۇڭيىڭ 44 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كېسەل سەۋەبلىك تېخىچە ئۆيلىنەلمىگەنىدى. بۇ ئائىلىدە ئىككى مېيىپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ياشىنىپ قالغان پەن يۇڭلياڭ ئەر – خوتۇننى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى. بۇنى كۆرگەن شۆھرەت توختى پەن دۇڭيىڭ ئائىلىسىنىڭ دەل ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن ئائىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

   شۆھرەت توختى پەن دۇڭيىڭنىڭ نېرۋىسى ئاجىز تاغىسىنىمۇ ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلدى. پەن دۇڭيىڭنىڭ تاغىسىنىڭ ھازىرغىچە كىملىكى بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىدى. شۆھرەت توختى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرىپ بەردى. كېيىن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىملىك ھەل قىلىپ بەردى. ئۇلارغا قانداقلا ئىش بولسا، ئۆزىنى ئوغلىدەك كۆرۈپ تېلېفون ئۇرۇشنى تاپىلاپ، پات – پات ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال سوراپ تۇردى، بۇزۇلغان سۇ تۇرۇبىلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلدۇرۇپ، كونىراپ كەتكەن گاز ئوچاقلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەردى. پەن دۇڭيىڭنى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇردى، دورىسى تۈگىسە دەرھال دورا ئەكىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ياردىمىدە پەن دۇڭيىڭنىڭ كېسىلىدە زور ياخشىلىنىش بولدى.

   پارتىيە ماڭا كۆيۈمچان ئوغۇلدىن بىرنى ئۇچراشتۇردى،  دېدى پەن دۇڭيىڭنىڭ دادىسى پەن يۇڭلياڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ،  ياشانغاندا مېيىپ ئوغلۇم ھەم مېيىپ ئىنىم بىلەن ھەقىقەتەن تەس كۈنگە قالغانىدۇق. ئاھالە كومىتېتى شۆھرەت مۇدىردەك ياخشى ئوغۇلنى بىزگە ئۇچراشتۇرۇپ، دەردىمىزگە دەرمان بولدى. مەن بىر يىلدىن بۇيان تۇرمۇشمىزغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، خۇشاللىق – قايغۇمىزغا ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ئوغلۇم شۆھرەت توختىغا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى يولغا قويغان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. گۈزەل شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، بىر – بىرىمىزگە يار – يۆلەك بولۇپ خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز، شۇڭا مەن شىنجاڭنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.

   شۆھرەت توختى 2014 – يىلى ئۆزى تەلەپ قىلىپ، ئورگان خىزمىتىدىن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە ئالماشقانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بارلىقىنى بېغىشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەتراپىدىكىلەرنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز تىرىشتى. بۇ مەھەللىدە ھەممە ئىشتا كۆپچىلىككە ئۈلگە بولۇپ، قىيىنچىلىقتا ئالدىدا، راھەتتە ئارقىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشتى.

   خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھەم مەسئۇلىيىتىمىز،  دېدى شۆھرەت توختى،  ئاھالە كومىتېتىدىكى ھەممە خىزمەتچى ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز ئاممىغا ئاھالە كومىتېتىنى ئۆز ئائىلىسىدەك ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن 100 كىۋادرات مېتىرلىق ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيى قۇردۇق، ئىللىق مۇئامىلىمىز، ئەستايىدىل خىزمەت پوزىتسىيەمىز بىلەن تەۋەلىكىمىزدىكى ئاممىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى