تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز

  سۇ لۇپىڭ،خەن لياڭ

ئايتىللا ئوبۇلقاسىمنىڭ كىچىك ئوغلى 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ما يەنگە ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئالغان تەقدىرنامىلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
ئەقىدە ئېلى (سولدا) 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چاچ ياساشنى ئۆگەنمەكتە. ئەقىدە ئېلى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ جىجۈننىڭ تۇغقىنى. جاڭ جىجۈن ئەقىدەگە كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنى ئۇقۇشۇپ، مەكتەپكە مۇناسىپ ھەقلەرنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلغۇزۇپ، ئەقىدەنىڭ ماھارەت ئىگىلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بەردى.  

   ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى ما يەن 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ، تۇغقىنى ئايتىللا ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى يوقلىدى. ما يەن مۇنداق دېدى: ئىككى كۈن ئىلگىرى مەۋسۈملۈك ئىمتىھانىدا بالىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، شۇڭا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپاتلىدىم.

  ئايتىللا ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چاڭجياڭ يولىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىدە بەش جان بار ئىدى، ئايتىللانىڭ ئېرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۆيىدە بالىلىرىغا قارايتتى، تۇرمۇشىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى.

  ما يەن ئايتىللا ئوبۇلقاسىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، تۇغقىنىنىڭ نامراتلىقتىن تېزراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۇنىڭ جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىشىغا ئايلاندى. ما يەن ئايتىللانىڭ پېچىنە – پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنگىسى بارلىقىنى، لېكىن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىدارىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇئەللىم تېپىپ بەردى. ئايتىللا بىر يىل پېچىنە – پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ دائىم پېچىنە – پىرەنىك پىشۇرۇپ، مايەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

  ما يەن مۇنداق دېدى: ئىدارە ئاشخانىسىدا ئايتىللاغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ بەردۇق، ئايتىللانىڭ پېچىنە – پىرەنىكلىرى كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ھازىر ئايتىللا ئوبۇلقاسىمنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئايتىللا ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: ئاۋۋال تورت دۇكىنىدا ئىشلەپ، پۇل يىغقاندىن كېيىن ئۆزۈم دۇكان ئاچىمەن.

  سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى پائال جارى قىلدۇردى، 48 كادىر تۇغقانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان لايىھە تۈزۈپ بەردى. ھازىرغىچە ئون كادىرنىڭ تۇغقىنى ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن شاۋخۇي مۇنداق دېدى: تۇغقانلارنى ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇش ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىش ئۈچۈندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى