تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

  ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سېرىك جۇماش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئارشاڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. پارتىيەنىڭ بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، دېھقان – چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق فېرمىسى قۇردى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسىدىن، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىلەندى، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولدى. ئارشاڭ ناھىيەسى چېگرادىكى كىچىك ناھىيەدىن بۈگۈنكى ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تىنچ ناھىيە››، ‹‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ››قا ئايلاندى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد زور دەرىجىدە راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان يېپيېڭى كەيپىيات شەكىللەندى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دىنىي ئەقىدىلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى قۇترىتىپ ۋە قايمۇقتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى؛ كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاق بولۇپ، ئۇلار باش نىشانغا يېتىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تولۇق يوقاتقاندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  باشتىن – ئاخىر ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. ئۆزۈمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشتەك شەرەپلىك سالاھىيىتىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، تىلى بىلەن دىلى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولىمەن. بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە، خەتەرلىك پەيتتە ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىش مەسئۇلىيىتى ۋە جاسارىتى بىلەن، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۈلگە بولۇپ، ھاياتىم ۋە ئىسسىق قېنىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن.

  سالاھىيىتىمنى دادىل ئاشكارىلاپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن. ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 416 ۋەكىلىنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغدايمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ دائىملىشىشى، ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمەن.

  مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ياخشى باشلامچى بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلەيمەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدا بولغان زور ئۆزگىرىشلەرنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، ئاممىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

  قازاقلاردا: بۆلۈنگەننى بۆرە يەر، ئاكا – ئۇكىلار ئىناق ئۆتسە ئات كۆپ بولۇر، ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە ئاش كۆپ بولۇر، دەيدىغان ماقال – تەمسىل بار. ھەر بىرەيلەن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقارساق، ھەر قانچە رەھىمسىز دۈشمەنمۇ ئىتتىپاقلاشقان خەلق تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەققانىيەت چوقۇم رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھالىغا بېقىپ ئىش قىلمىدى، ئۇلار ھامىنى توختاۋسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تارىخ چاقى ئاستىدا كۇكۇم – تالقان بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى