تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باقتۇ جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى بازىرى چاغان ئەندىزىسىنى يولغا قويدى

  توردا ۋە تور سىرتىدا سودا قىزىپ كەتتى

  شيې خۇيبيەن، ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: باقتۇ جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى بازىرى ئالدىدا ئىشچىلار 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سائەت 12 دە يۈك چۈشۈرۈش، يۈك قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ئاپتوموبىلدىكى ماللار ھازىرلا قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان كەمپۈت ۋە قىزىل ھاراق ئىدى.

  مال توشۇش ئىشچىلىرىغا ئەگىشىپ، سودا بازىرىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى سېرىكنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كەلدۇق، ساندۇققا قاچىلاش، ئوراش، تېز يوللانما تالونىنى تولدۇرۇش... بىردەملىك ئالدىراشلىق ئاخىرى سەل بېسىقتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ خوتۇنى يې شيادى تېخىمۇ چوڭ يەشىكنى ئېلىپ چىقىپ سېرىكنى ‹‹تەنقىد››لەپ: ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يەشىك بەك كىچىككەن، كەمپۈت قاچىلانغان خالتا توشۇش جەريانىدا يىرتىلىپ كېتىدۇ، چوڭ يەشىككە قاچىلاپ قايتىدىن ئوراڭ، دېدى.

  سېرىكنىڭ دۇكىنى 2013 – يىلى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان كەمپۈتلەرنى ساتىدىكەن، سودىسى ئىزچىل ياخشى ئىكەن. دۇكاندىن باشقا ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن يەنە ئۈندىداردىمۇ سودا قىلىدىكەن.

  يې شيادى سېرىك قايتىدىن ئورىغان ساندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنى گۇاڭدۇڭدىكى كونا خېرىدارىم زاكاز قىلغان، ئۇ بۇلتۇر بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەندە مەندىن مال سېتىۋالغان، بۇ يىل يەنە قايتا زاكاز قىلدى، بۇنداق خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ، ھەر يىلى يازدا ساياھەتكە كېلىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا بەزىدە ئىككىيلەن يېتىشەلمەي قالىمىز. ئادەتتە بىز يەنە ئۈندىداردا ماللىرىمىزنى تەشۋىق قىلىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال زاكاز قىلىدىغانلار، كونا خېرىدارلارمۇ كۆپ.

  سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بازاردىكى خېرىدارلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ھەر خىل كەمپۈت، ئالدىراش يۈرگەن ئادەملەر چاغانلىق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇراتتى.

    ـــ بۇ كەمپۈت قانچە پۇل؟

  ـــ كىلوگىرامى 25 يۈەن، يېنىدىكىسى تېخىمۇ تاتلىق، قەنت مىقدارى تۆۋەن، كىلوگىرامى 30 يۈەن. چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى چېن لىن ئوغلىنى ئېلىپ دۇكانداردىن باھا سورىغاچ، كەمپۈتنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆردى. چېن لىننىڭ ئاتا – ئانىسى كورلا شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، چاغانغا ئاز قالغاچقا ئۇ بۇ يەردىن كەمپۈت سېتىۋېلىپ ئاتا – ئانىسىغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزمەكچى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەمپۈتنى سېتىۋېلىپ ئۆزۈم ئېلىپ باراتتىم، بۇ يىل چاغاندا قايتالمايمەن، شۇڭا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدۇم. بۇ كەمپۈتلەرگە ئاتا – ئانام بەك ئامراق.

  سائەت 13دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى، بازار يەنىلا قايناق ئىدى، ئادەملەر توپىغا ئەگىشىپ، گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كىردۇق، دۇكاندار ۋاڭ فېڭ خېرىدارغا قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى قالدۇق قەنت مىقدارىنىڭ پەرقىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: باقتۇ جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى سودا بازىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك، خېلى داڭقى بار، ئەمدىلا تىجارەت باشلىغان بولساقمۇ، سودىمىز يامان ئەمەس، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر يىلدا سودىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى