تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېزا–كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرەيلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ماسلاشقان، باغلىنىشچان، بىر پۈتۈن بولۇشىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كەسىپلەر روناق تاپسا يېزا – كەنتلەر گۈللىنىدۇ، ئىقتىساد كۈچەيسە، ھەممە يەر ئاۋاتلىشىدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېشىل گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجادىي كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە ئومۇمىي ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن كۈچلۈك يېزا ئىگىلىكى دۆلىتىگە ئۆتۈشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەككە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان بولۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يېزىلارنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى ۋە قىممەتلىك بايلىقى، گۈزەل جۇڭگو گۈزەل يېزا – كەنتلەر بىلەن رەڭداردۇر. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئېكولوگىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنى ھەقىقىي تۈردە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشتىكى بايلىققا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەم ‹‹يانچۇق توم›› ھەم ‹‹كاللا باي›› بولۇشى كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي بولۇشنى كاپالەت قىلىپ، يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي كەنت ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ساددا خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلتېشى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى تۈزەشنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹تۇتقا›› نى چىڭ تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەر ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ماس كۈچەيدىغان بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ھەمكارلىشىدىغان، ئاۋام قاتنىشىدىغان قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە زامانىۋى يېزا – كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىنچ يېزا – كەنت قۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشىنى ئاساس قىلىپ، يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ساغلام يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشنى بىر – بىرلەپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىسەكلا، يۇرتداشلارنى بارغانسېرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى