تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

2018 – يىلى ئېلىمىز پەن – تېخنىكىسىدا يەنە قانداق مۆجىزىلەر بارلىققا كېلىدۇ؟

     ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلىدا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەۋەرلىرى كەينى – كەينىدىن تارقىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. ‹‹ئۆتكۈر كۆز›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلدى، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاسماندا پەرۋاز قىلدى، كىۋانت كومپيۇتېرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى، دۆلىتىمىز ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، ‹‹دېڭىز قانىتى›› ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى دېڭىزنى چوڭقۇر كۆزىتىشنى تاماملىدى، دېڭىز تەۋەلىكىدىكى كۆيۈشچان مۇز تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىلدى، ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق ئوقپويىز ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى...
     مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زور پەن – تېخنىكا تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى سەۋىيەگە يېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنداقتا، 2018 – يىلى پەن تەتقىقات خادىملىرى قانداق يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ؟     
    ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى
     ئاي شارىنىڭ كەينى يۈزى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ

     2018 – يىلى جۇڭگونىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ يىل ‹‹چاڭئې – 4›› ناملىق تەكشۈرگۈچنى ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ كەينى يۈزىگە يۇمشاق قونۇش ھەم چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش تارىخىدا يېڭى سەھىپە يارىتىلىدۇ.
     ‹‹چاڭئې – 4›› ناملىق تەكشۈرگۈچ ئىنسانلارنىڭ نامەلۇم ساھەلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر قاتار يېڭى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇلىدۇ. بۇ، ئاي شارىنى داۋاملىق چارلاپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ تېخىمۇ يىراق ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
     يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھى
     يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھى كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىپ، يەر شارىدا تور شەكىللەندۈرۈلىدۇ
     2018 – يىلى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھى يۇقىرى زىچلىقتا قويۇپ بېرىلىش يىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋە قۇرغان يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھى يول باشلاش سىستېمىسىمۇ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
     جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ باياناتچىسى رەن چېڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوندىن ئارتۇق ‹‹يەتىكەن – 3›› ناملىق تورلاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىپ، ئاساسىي سىستېما قۇرۇپ چىقىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنى قاپلايدۇ؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا، 30دىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپ، پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.  
     چوڭقۇر دېڭىزدا ئىلمىي تەكشۈرۈش
    ‹‹يەتتە ئەجدىھا›› دېڭىزدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يىراقنى تەكشۈرەلەيدۇ

     2018 – يىلى دۆلىتىمىز ‹‹قاتتىق ئەمەلىي كۈچ›› ۋە ‹‹يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ››تىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر دېڭىزدا ئىزدىنىشتە ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.
چوڭقۇر دېڭىز جابدۇقلىرى چوڭقۇر دېڭىز – ئوكيانلارنى تەكشۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ يىل ‹‹ئەجدىھا›› ناملىق ئادەملىك چۆككۈ، ‹‹دېڭىز ئەجدىھاسى›› ناملىق ئادەمسىز كابېللىق چۆككۈ، ‹‹چۆكەر ئەجدىھا›› ناملىق ئادەمسىز  – كابېلسىز چۆككۈدىن تەركىب تاپقان ‹‹ئۈچ ئەجدىھا›› ئارقىلىق چوڭقۇر دېڭىز جابدۇق سىستېمىسى نۇقتا قىلىنىپ، چوڭقۇر دېڭىز تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالايلۇق، ‹‹ئەجدىھا›› ناملىق ۋە ‹‹چۆكەر ئەجدىھا – 2›› ناملىق چۆككۈ تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قوللىنىش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 11 مىڭ مېتىرلىق ROV سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە دېڭىزدا سىناق قىلىش تېزلىتىلىدۇ.
     بۇ يىل ‹‹ئەجدىھا دېڭىز تەكشۈرۈش›› بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹ئۈچ ئەجدىھا›› نى ‹‹يەتتە ئەجدىھا››غا ئۆزگەرتىش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى ئاساستا چوڭقۇر دېڭىز تەتقىقاتىدىكى ‹‹تېرەندىكى ئەجدىھا››، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىشتىكى ‹‹ئەجدىھا››، دېڭىز – ئوكيان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلىشىدىكى ‹‹بۇلۇتتىكى ئەجدىھا›› ھەم دېڭىز يۈزىدە تىرەك بولىدىغان ‹‹ئەجدىھا ئوردىسى›› كۆپەيتىلىپ، ئوكيان خىزمىتىنى مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.
     بۇنىڭدىن باشقا، چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى تەكشۈرۈشىنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى تەكشۈرۈش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ يىل دېڭىزنى تەكشۈرۈش كەسپى خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي ئەندىزىسى، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، نەتىجە باشقۇرۇش ئەندىزىسى قاتارلىقلار يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالتە قېتىم دېڭىزدا سەپەر قىلىنىدىغان، تەخمىنەن 650 كۈنلۈك تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكياندىكى نۇقتىلىق دېڭىز رايونى، كۆپ ساھەلەرنى قاپلىغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش خىزمىتى پىلانلىنىپ ماسلاشتۇرۇلىدۇ ھەم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. دېڭىزدا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش، ئوكيان مىكرو پىلاستىك ماتېرىيالى، دېڭىز – ئوكيان رادىيوئاكتىپلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى چوڭقۇر دېڭىز بايلىقىنى تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىز مۇھىتىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئوكيان تەكشۈرۈشنى كەسىپلەشتۈرۈش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ.
     كىۋانت كومپيۇتېر تېخنىكىسى
     خەۋەرلىشىش كومپيۇتېرىنىڭ سەۋىيەسى داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ
     جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت ئىلىم – پەن تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ باش ئالىمى پەن جيەنۋېي خەلقئارا كىۋانت تېخنىكىسى ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ كىۋانت خەۋەرلىشىشى ‹‹ئەگىشىش››تىن ‹‹يېتەكلەش››كە تېزلا ئۆزگەردى، جۇڭگونىڭ كىۋانت كومپيۇتېر تەتقىقاتىمۇ خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يەتتى.
     ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلىدا، پەن جيەنۋېي يېتەكلىگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت ئىلىم – پەن تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى ئالدىن لايىھەلەنگەن بارلىق ئىلىم – پەن تەجرىبە ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1000 كىلومېتىر دەرىجىلىك سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كىۋانتنىڭ چىگىچلىك تارقىتىشىنى خەلقئارادا ئالدىن ئىشقا ئاشۇردى؛ خەلقئارادا ئالدى بىلەن تۇنجى 1000 كىلومېتىر دەرىجىلىك كىۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسى بولغان ‹‹بېيجىڭ – شاڭخەي غول لىنىيەسى››نى ئاچتى؛ دۇنيادىكى تۇنجى كۆپ فوتونلۇق پىروگرامما تۈزۈشچان كۋانت كومپيۇتېرىنىڭ مودېلىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرون لامپىلىق كومپيۇتېر ۋە تۇنجى كىرېستال لامپىلىق كومپيۇتېردىن ئون ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە تېز؛ دەرىجىدىن تاشقىرى ئون ئۆتكۈزۈشچان كىۋانت بىتلىق چىگىش كىۋانت ھېسابلاش ئۆزىكىنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا كىلاسسىك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېردىن بىر قەدەم ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى.
     سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار
     دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ
     ئاڭلىيالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان تاۋۇش پەرقلەندۈرگۈچ، چىرايىنى تونۇتۇپ ئىشلارنى بىخەتەر، قولاي بېجىرىش، مۇقىم، راھەت شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، داۋالاش ماھارىتى ئىنچىكە ماشىنا پىليونكا... 2017 – يىلى جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى، دەپ قارالدى. شۇنداقلا بۇ بىر يىلدا دۇنيا بويىچە تۇنجى سودىدا ئىشلىتىلىدىغان چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ مەخسۇس بىر تەرەپ قىلغۇچ ‹‹خەنۋۇجى1A›› دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا ‹‹جۇڭگو ئۆزىكى›› ئىشلىتىلدى. 2018 – يىلى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ‹‹جۇڭگو ئۆزىكى›› تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
     يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى  
     يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدۇ
     جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹يەنلۇڭ›› سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى شەكلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش رېئاكتورىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، مۆلچەرلىمە ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 400 مېگاۋاتلىق ‹‹يەنلۇڭ›› تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش رېئاكتورىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 20 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن، بۇ، ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئولتۇرىدىغان 200 مىڭ ئائىلىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگەنگە باراۋەر ئىكەن.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 4 – ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتۇش رېئاكتورىدىنمۇ خۇش خەۋەر كەلدى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇڭچېڭ شىداۋۋەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتۇش رېئاكتورىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2 – نومۇرلۇق رېئاكتورىنىڭ بېسىم ئىدىشىنىڭ قاپقىقىنى ئېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ تۈردە دۇنيا مىقياسىدا زور بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     ھازىر جۇڭگو يادرو سانائىتى قۇرۇلۇش گۇرۇھى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، بىر قاتار ئەلالاشتۇرۇش، ياخشىلاش خىزمىتىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈشنى مەۋقە قىلىپ، سودىدا ئىشلىتىلىدىغان 600 مىڭ كىلوۋاتلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتۇش رېئاكتورىنى ياسىدى، لايىھەلىدى.


          ‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى