‹‹ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئۈستەل چىرىغىنىڭ رادىياتسىيەسى يان تېلېفوندا سۆزلەشكەندە چىقارغان رادىياتسىيەنىڭ 50 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكا چىقارغان رادىياتسىيەدىن 2000 ھەسسە يۇقىرى...›› دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈستەل چىرىغىنىڭ بۇنچىۋالا خەتىرى بارمىدۇ؟
جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تەتقىقات مەركىزى ساغلام ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى ئانالىز – سىناق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئۈستەل چىرىغى ھەقىقەتەنمۇ رادىياتسىيە تارقىتىدۇ. توك ئۆتۈشۈپلا تۇرىدىغان يەردە چوقۇم ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىمۇ، ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. لۇ جيەنگونىڭ دېيىشىچە، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چىقارغان رادىياتسىيە ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىياتسىيەگە تەۋە بولۇپ، چاستوتىسى تۆۋەن، ئادەتتىكى ھاۋا شارائىتىدا تېزلا ئاجىزلىشىدىكەن، يەنە كېلىپ، نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۈستەل چىرىغىنىڭ يورۇقلۇق مەنبەسى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان لامپىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېلېكتىرونلۇق توك تۇراقلاشتۇرغۇچ ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىدا تارقاتقان رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك، ناۋادا سىز ئۇنىڭدىن مەلۇم ئارىلىق يىراقلىقتا تۇرسىڭىز، يورۇقلۇق مەنبەسى تارقىتىۋاتقان جەرياندا رادىياتسىيە تېزلا ئاجىزلىشىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەسىرى بولمايدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈستەل چىرىغى بىلەن بولغان ئارىلىق ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغاندا، رادىياتسىيە دەرىجىسى ھەر كىۋادراتقا 4.5 ۋاتتىن توغرا كېلىدىكەن، 15 سانتىمېتىر بولغاندىكى رادىياتسىيە دەرىجىسى ھەر كىۋادراتقا 0.3 ۋات كېمىيىدىكەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈستەل چىرىغى بىلەن بولغان ئارىلىق قانچە يىراق بولغانسېرى، رادىياتسىيە دەرىجىسىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.
شۇڭا ئۈستەل چىرىغى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، ئەرزان باھالىق ئۈستەل چىرىغىنى سېتىۋالماسلىق. ئۈستەل چىرىغى ياكى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغ سېتىۋالغاندا، چوقۇم CCC ماركىسى بار ئۈستەل چىرىغىنى سېتىۋېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۈستەل چىرىغىنى ئىشلەتكەندە ئارىلىقنى ئاز بولغاندىمۇ 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق تاشلاپ ئىشلىتىش ھەم ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىمكانقەدەر قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغان چىراغلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش، ئىشلەتمىگەندە توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىش كېرەك.
گۈلگىنە ئىمىن تەرجىمىسى