1. توغرا يۈز يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ. ئىلمان سۇدا تېرىنى نەمخۇش قىلغاندىن كېيىن، يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى ئالقاندا ئۇۋۇلاپ مازغاپ چىقىرىپ، ئاندىن دانىخورەك چىققان جايغا ئاستا- ئاستا سۈرتۈپ، ئاخىرىدا دەرھال ئىلمان سۇ بىلەن چايقىۋېتىڭ.
2. دانىخورەكنى سىقماڭ. بۇنداق قىلغاندا يۈزىڭىزدە ناھايىتى ئاسانلا قارا داغ پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ، ئىششىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە سەۋرچانلىق بىلەن ئىككى ئۈچ ھەپتە ساقلىسىڭىز، دانىخورەك ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.
3. ئەگەر يۈز تېرىڭىزنىڭ پارقىراق، پاكىز، ساغلام بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
4. ئازادە كەيپىياتنى ۋە بېسىمدىن خالىي ھالەتنى ساقلاڭ.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابتىن ئېلىندى