تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2018–يىلى 2– ئاينىڭ 3– كۈنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 37 ئەزاسى قاتناشتى، 176 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2017 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش – رېۋىزىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، 2018 – يىللىق ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش لو دۇڭچۈەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرايلى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەر ئويلانغان، مەزمۇن مول، مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلغان، قەتئىي غايە – ئېتىقاد، روشەن خەلقچىل مەيدان، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تولۇق نامايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەيدىغان، ئىرادىسىدىن يانمايدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدىغان، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، ئۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى قورال، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، تۈپ مىزان ۋە پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانلىرىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مۇھىم تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى، قايتا تەرتىپكە سېلىپ، تولۇق قوراللىنىپ يەنە ئاتلىنىش، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت تەسىراتلىرى يەكۈنلىنىپ، مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرت؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش شەرت؛ دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش شەرت؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى خىزمەتتىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش شەرت؛ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئېگىلمەس – سۇنماس روھ ۋە قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك ئىرادىسى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنى قۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە كونكرېت، تولۇق، جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، تىلى بىلەن دىلى بىر، پوزىتسىيەسى كەسكىن، قەدىمى ماس بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك قىلىش مەسىلىسىنى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى، پارتكوم شۇجىلىرى ياخشى ‹‹قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى›› بولۇشى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، ۋەزىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى تېزدىن قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت تۈزۈلمىسى، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى ۋە يولغا قويۇش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، قانۇن نازارەتچىلىكى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى زورايتىش كېرەك.

  بەشىنچى، مەسىلىنى بايقاش، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر شەمشەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش – تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىش – تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئارقىغا قاراش››، ‹‹ئۇشتۇمتۇت قايتۇرما زەربە بېرىش››نى مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇپ، چۆچۈتۈشنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش – تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رەتكە سېلىش – ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش – تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ماددىمۇ ماددا رەتكە سېلىش – ئۆزگەرتىش، ھەممىسىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كادىرلار ئىستىلىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ‹‹ئون خىل ئىپادىسى››نى تۈزىتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› ھەم ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش، ھەتتا ئۇلارغا ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى›› بولۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، قالدۇقىنى قەتئىي ئازايتىپ، كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، قاتتىق چەكلەش، يۇقىرى بېسىم شەكىللەندۈرۈش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئېلىش، پارا بېرىشنى بىللە تەكشۈرۈشتە، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامىغا ئالاقىدار مەسىلە يىپ ئۇچىلىرىنى چوقۇم تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كىشى››نى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاشنى، تۈرلەرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى، بىرىنچى خىل شەكىلدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئاسماندا تور ھەرىكىتى››نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشەلمەسلىك تۈزۈم قەپىزىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نامرات ناھىيە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، ۋەزىپىنى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق ۋە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامرات ناھىيەلەردە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى قەرەللىك يىغىنى ئېچىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى پەسىللەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇھىم مەسىلە يىپ ئۇچىلىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، گېزىتتە ئېلان قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  توققۇزىنچى، مەسئۇلىيەت بېسىمى چۈشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ‹‹مەسئۇلىيەت›› دېگەن سۆزنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ، ‹‹مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش››تىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، قەدەمنى ماسلاشتۇرۇش، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.

  ئونىنچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك، دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر قەتئىي سادىق بولۇپ، زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پاك – ئىنتىزامچان بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە، رەزىللەرنى جازالاپ، ياخشىلارغا مەدەت بېرىش شەمشىرىگە مەڭگۈ چاڭ قوندۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئابلىمىت ئابلەتنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى چىقارغان ئابلىمىت ئابلەتكە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى