تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلايلى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان، ئەلرايىنى ئىگىلەيدىغان بارومېتىر. پارتىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولسا، خەلقنىڭ روھىي ھالىتىمۇ ياخشى بولىدۇ، پارتىيە بىلەن خەلق جاپادىمۇ – ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا سىياسەتنى دەل جايىدا ئىجرا قىلماسلىق، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىش، ئىنتىزامى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ساختىپەزلىك قىلىش، خىزمەتتە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، بۇلار خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى توسالغۇ ۋە يوشۇرۇن ئاپەت.

  قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس، تامچە سۇ بىر كۈندىلا تاشنى تەشكەن ئەمەس. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، سىياسىي يۈكسەكلىكى ۋە سىياسىي ئېڭىنى ئاڭلىق ئۆستۈرۈشى، ‹‹كادىرلار ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ئەڭ چوڭ دۈشمەن›› دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى تولۇق تونۇپ يېتىشى، بوشاڭلىق كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، خاتا ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلىشى، ھەرگىزمۇ كەينىگە سۈرۈش، بوشاشتۇرۇش، قويۇۋېتىش ئويىدا بولماسلىقى، چوقۇم ئەستايىدىللىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان چىدام – غەيرەت، دادىل زىممىگە ئالالايدىغان ھەرىكەت بىلەن نۇقتىمۇنۇقتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىمۇمەسىلە ھەل قىلىپ، كونكرېت تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خېمىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› نىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قىلچە پۇرسەت بەرمەي، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاش، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشتىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بۇ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قازىنىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى ـــ ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹مەنسەپ›› ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىنى قەتئىي توسۇپ، خەلققە بولغان ساپ قەلبىنى ساقلاپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك. خەلقچىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا، قايىل قىلارلىق، ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئىستىلدىكى جاھىل كېسەللەرنى داۋالاشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتكە بولغان نازارەتچىلىكنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹مەسىلە بار تۇرۇقلۇق بايقىماسلىق ـــ ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغانلىق، مەسىلىنى بايقاپمۇ دوكلات قىلماسلىق ـــ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق›› دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەپ، مۇقىملىق خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە بايقاپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇشى، بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بىز چوقۇم مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان غەيرەت ۋە شىجائەت بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ناچار ئىستىللارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشى، يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى