31-يانۋار، باي ناھىيەلىك رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باي بازىرى كۆكتات كەنتىگە يېڭىدىن چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باي ناھىيەسىدە 2018-يىللىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە 162 كەنت-مەھەللىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ 492 نەپەر ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن كەنت-مەھەللىلەرگە يېتىپ بېرىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.