شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئەر – خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى سوت قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە تالاش – تارتىش بىر قەدەر چوڭ بولۇۋاتقان ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى ھەم دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ھەر قايسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىدى.
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىمزا قويۇش ياكى ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ ئىشتىن كېيىن ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن ئالغان قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىش كېرەك.
ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىي نامىدا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئالغان قەرزنى ھەقدار ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە دېگەننى سەۋەب قىلىپ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.
ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىي نامىدا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن سىرت ئالغان قەرزنى ھەقدار ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە دېگەننى سەۋەب قىلىپ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ، ئەمما ھەقدار شۇ قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇشى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوتى 1 – كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى چېڭ شىنۋېن مۇنداق دېدى: بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتقا ئاساسەن، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن مال – مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشمىگەن بولسا ياكى پۈتۈم بولسىمۇ ھەقدار بۇ پۈتۈمدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ شەخسىي نامىدا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئالغان قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىش كېرەك. ئەگەر ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى قەرز ئالمىغان يەنە بىر تەرەپ بۇ قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ئەمەس دەپ قارىسا، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ شەخسىي نامىدا سىرتتىن ئالغان قەرز، بولۇپمۇ قەرز سوممىسى كۆپرەك قەرز ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا، بۇ قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە ياكى تەۋە ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، ھەقدارنىڭ بۇ قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇشى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان – بېرەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ھەقدار ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىزاھات 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئىزاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار مەزكۇر ئىزاھاتقا زىت بولسا، مەزكۇر ئىزاھات ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.