تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى زادى قانداق بېكىتىلىدۇ

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 – كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى ئەر – خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى سوت قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى چۈشەندۈردىئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئېلان قىلىپ، ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى ھۆكۈم قىلىش، ساقىت قىلىش ۋە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى زادى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ‹‹ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى›› نېمە ئۈچۈن مۇھىم بېكىتىش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ‹‹نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن قەرزدار بولۇپ قېلىش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ – يوق؟... ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى سوت قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى چېڭ شىنۋېن ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  مۇخبىر: بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا: ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىمزا قويغان ياكى ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ ئىشتىن كېيىن ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا باشقا ئورتاق مەقسەت ئىپادىلەنگەن شەكىلدە ئېلىنغان قەرز ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى بولىدۇ، دەپ تەكىتلىنىپتۇ، بۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىشتىكى مەقسەت نېمە؟

   چېڭ شىنۋېن: بۇ بەلگىلىمىدە ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى ‹‹ئورتاق قەرزگە ئورتاق ئىمزا قويۇش›› پىرىنسىپى تەكىتلەنگەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەقدارلارنى قەرز شەكىللەنگەن، بولۇپمۇ زور سوممىلىق قەرز شەكىللەنگەندە، ئىشتىن كېيىن بىھۇدە تالاش – تارتىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىشتىن بۇرۇن خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئامال بار ئەر – خوتۇنغا ئورتاق ئىمزا قويدۇرۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  بۇ خىل تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بىر تەرەپتىن ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە ماقۇل بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى بىر تەرەپنىڭ ‹‹قەرزدار›› بولۇپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەرز شەكىللىنىش مەنبەسىدىن توسقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھەقدارنىڭ ئىشتىن كېيىن قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ئىكەنلىكىنى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىيالماي زۆرۈر بولمىغان زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   مۇخبىر: ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا نېمە ئۈچۈن ‹‹ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى›› ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىنىدۇ؟ ‹‹ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى››نىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

   چېڭ شىنۋېن: ئادەتتە دېيىلىدىغان ‹‹ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى›› ئىلمىي قىلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك ئۆي ئىشلىرى، دېيىلىدۇ. كۈندىلىك ئۆي ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمى دېگىنىمىز، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپنىڭ كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشى ئىشلىرى سەۋەبلىك 3 – كىشى بىلەن ئالاقە باغلىغان چاغدىكى قانۇنىي ھەرىكىتى بولۇپ، ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مەقسەت ئىپادىسى دەپ قارىلىدىغان ھەم جورىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئىلمى ساھەسى، نىكاھ قانۇن ئىلمى ساھەسىدە ئادەتتە نىكاھ ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ ئورتاق گەۋدىسى، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىدە، ئەر – خوتۇن بىر – بىرىگە ۋاكالەتچى بولىدۇ، بۇ، نىكاھنىڭ مۇقەررەر ئۈنۈمى بولۇپ، قانۇنىي ۋاكالەتچىلىككە تەۋە، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئەر – خوتۇننىڭ پۈتۈشمىگەن مال – مۈلكىنى ئايرىش تۈزۈمى ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ ھەقدار بىلمىگەن ئەھۋالدا، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۆز نامىدا ئالغان قەرزنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ قاراش كېرەك.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە ئىستېمال تۈرى ئاساسلىقى يېمەكلىك، كىيىم – كېچەك، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈرگە ئايرىلىدىكەن. ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش دائىرىسىنى يۇقىرىقى سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئىستېمالىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسپى، سالاھىيىتى، مال – مۈلكى، كىرىمى، قىزىقىشى، ئائىلىدىكى ئادەم سانى قاتارلىق ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش ھالىتى ۋە شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن بېكىتسە بولىدۇ.

  تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئائىلىنىڭ زۆرۈر بولغان كۈندىلىك ئىستېمالىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى نورمال كىيىم – كېچەك ئىستېمالى، كۈندىلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، پەرزەنت تەربىيەسى، ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق تۈرلۈك خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ، بىر ئائىلىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قامداشتىكى زۆرۈر چىقىم.

   مۇخبىر: ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئەر – خوتۇننىڭ ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش دائىرىسىدىن ھالقىغان قەرزىنىڭ ئورتاق قەرزگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكى قانداق ئايرىلىدۇ؟

   چېڭ شىنۋېن: ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنداق بەلگىلەنگەن: يۇقىرىقى قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، ھەقدارنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشىغا توغرا كېلىدۇ، يەنى ھەقدار ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالغان قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇشى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، ئىسپاتلىيالمىسا، ھەقدارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشىنى قوللاشقا بولمايدۇ.

  بەزى قەرزلەر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش دائىرىسىدىن ھالقىغان بولسىمۇ، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىستېمال قىلغان ياكى ئورتاق مال – مۈلۈك شەكىللەندۈرگەن ۋە ياكى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئاساسىدا مال – مۈلۈكنى ئورتاق باشقۇرۇشتىن شەكىللەنگەن بولسا، بۇمۇ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە بولىدۇ.

  ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇ، ئاساسلىقى ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئىشلىرىنى ئورتاق بېكىتكەن ياكى بىر تەرەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەن ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ھەرىكىتىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ھەرىكىتىگە تەۋە ياكى تەۋە ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، تىجارەت ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇنىڭدىكى ئورنى ۋە رولى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال بېكىتىش كېرەك. ئەر – خوتۇن سودا بىلەن شۇغۇللانسا، ئەھۋالغا قاراپ شىركەت قانۇنى، توختام قانۇنى، شېرىك كارخانا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  ئەر – خوتۇن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتتە ئالغان قەرز ئادەتتە ئىككى تەرەپنىڭ سودا – سانائەت كەسپى بىلەن ئورتاق شۇغۇللانغان، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا ئالغان قەرز، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى بىلەن ئورتاق شۇغۇللانغاندا ئالغان قەرز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   مۇخبىر: ئۇنداقتا، ئەر – خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىدا قەرزنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ياكى ئەمەسلىكىنى قايسى تەرەپ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلايدۇ؟

   چېڭ شىنۋېن: دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەر – خوتۇننىڭ قەرزىنى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرى دائىرىسىدىكى ئورتاق قەرز، ئىككىنچىسى، كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرى دائىرىسىدىن ھالقىغان ئورتاق قەرز.

  كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرى دائىرىسىدىكى ئورتاق قەرزگە ھەقدار ئادەتتە دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ ئورتاق قەرز ئەمەس، دەپ قارىسا، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ، بۇ قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.

  كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرى دائىرىسىدىن ھالقىغان قەرز پىرىنسىپ جەھەتتە ئورتاق قەرز ھېسابلانمايدۇ، ھەقدار تەشەببۇس قىلسا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك. ئەگەر ھەقدار ئەر – خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرىدىن ھالقىغان قەرزىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇش، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتكە ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مەقسىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ھەقدار دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ، زور سوممىلىق قەرز شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى ھەقدار ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزا قويۇپ، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش قولاي بولۇپلا قالماي، يەنە تالاش – تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   مۇخبىر: ھازىر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ نىكاھ قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى(2) نىڭ 24 – ماددىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە يۈز بەرگەن ‹‹نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن قەرزدار بولۇپ قېلىش›› قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولماقتا. بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلالامدۇ يوق؟

   چېڭ شىنۋېن: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2003 – يىلى نىكاھ قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى (2)نى تەييارلىغان ۋاقىتتا، ئەر – خوتۇن ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ قەرزداردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئاجرىشىش ئارقىلىق مال – مۈلۈكنى يامان غەرەزدە يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەش ئارقىلىق قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەھۋالى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھ قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى (2)نىڭ 24 – ماددىسىنى بېكىتىپ، ئەر – خوتۇننىڭ ‹‹نىكاھتىن يالغان ئاجرىشىپ، ئەمەلىيەتتە قەرزدىن قېچىش›› ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، بازار سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر قەدەر ياخشى قوغداپ، ياخشى نىيەتلىك ھەقدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدىدى. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەر – خوتۇننىڭ قەرزىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى. ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ 3 – كىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپنى ‹‹زىيانغا ئۇچرىتىدىغان›› ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2017 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئېلان قىلىپ، ساختا قەرز ۋە قانۇنسىز قەرزلەرنىڭ قوغدالمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەر – خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاق ئىدارە قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى قەرزى يوق بىر تەرەپنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

  ئەر – خوتۇننىڭ قەرزىنى بېكىتىش ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش ئۆلچىمى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى مۇۋاپىق تەقسىملىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك قوغداش پىرىنسىپى نامايان قىلىنىپ، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ھالقىغان زور سوممىلىق قەرز ئالغاندا، ‹‹قەرزدار تەرەپ›› قىلچە خەۋەرسىز ئەھۋالدا كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. خەلق سوت مەھكىمىسى ياخشى نىيەتلىك ھەقدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، شۇنداقلا ئەر – خوتۇننىڭ، بولۇپمۇ قەرزدار ئەمەس تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. شۇنىڭدەك ئەر – خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن ساقلىنىدۇ ھەمدە ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بىر تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى توسىدۇ.

   مۇخبىر: كۆپچىلىك قانداق قىلغاندا مۇشۇ خىلدىكى ماجىرالاردا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىيالايدۇ؟

   چېڭ شىنۋېن: ھەقدار تەرەپنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر قەرزدارنىڭ قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرالماسلىقىدىن ياكى ئالغان قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلسا، قەرزدارنىڭ جورىسىنى ئورتاق ئىمزا قويدۇرۇش ئارقىلىق ھەقدارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ئەر – خوتۇن ئارىسىدىكى قەرز ئالمىغان بىر تەرەپنىڭ قەرزدار بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغاچقا، نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەر – خوتۇن ئۆزئارا ئائىلە ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئالاھىدە ھوقۇق بېرىشى ھاجەتسىز. دېمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ كۈندىلىك ئىشلارنى يەنە بىر تەرەپكە ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق بولىدۇ. بىراق، ئائىلە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ھالقىغان چىقىم، بىر قەدەر زور سوممىلىق قەرز ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىشى كېرەك. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ.

   مۇخبىر: ئىزاھاتنىڭ تەتبىقلاش دائىرىسىنى قانداق چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك؟

   چېڭ شىنۋېن: ئىزاھاتنىڭ 4 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بۇ ئىزاھات 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئىزاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى چىقارغان ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار مەزكۇر ئىزاھات بىلەن زىت بولۇپ قالسا، مەزكۇر ئىزاھات ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  ئىزاھاتتا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش ئۆلچىمى مەسىلىسى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ يەردىكى ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى چىقارغان ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار مەزكۇر ئىزاھات بىلەن زىت بولۇپ قالسا›› دېگەن مەزمۇن ئاساسلىقى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار باشقا ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تەتبىقلانمايدۇ.

  بۇ ئىزاھات يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايرىلغان، ھەقىقەتەن بېكىتىش پاكىتى ئېنىق ئەمەس، تەتبىقلانغان قانۇن خاتا، نەتىجىسى روشەن ئادىل بولمىغان دېلولارنى خەلق سوت مەھكىمىسى خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، خاتالىق بولسا چوقۇم تۈزىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلققە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى