تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

زىمىستان قىشتىكى ئىللىقلىق

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، غەربىي سىبېرىيە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۇدا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 23 – يانۋاردىن 31 – يانۋارغىچە شىمالىي شىنجاڭدىكى جايلاردا تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەنلەپ، 31 پونكىتتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گرادۇستىن، توققۇز پونكىتتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 35 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاقدالادا شىنجاڭ بويىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، 28 – يانۋار سائەت 5تە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 39.1 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن. 28 – يانۋاردىن باشلاپ شىمالىي شىنجاڭدىكى رايونلارغا بىر ھەپتىگە يېقىن تەسىر كۆرسەتكەن كۈچلۈك سوغۇق تەدرىجىي ئاجىزلاپ، جايلاردا تېمپېراتۇرا ئاستا – ئاستا ئۆرلەشكە باشلىدى، فېۋرالنىڭ باشلىرىغىچە شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەپ، نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  جاي – جايلاردا قەھرىتان سوغۇقتا ‹‹ئىللىقلىق يەتكۈزۈش›› ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ‹‹يېشىل لېنتا چىگىلگەن پىدائىيلار ئاپتوموبىل ھەرىكىتى›› پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ، ياشانغانلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەرنى ھەقسىز توشۇدى؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارغا ئاپتوموبىلىغا قاردا تېيىلمايدىغان بالون، توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى، قىشلىق ئاپتول قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتتى؛ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۇچاستىكىسىدىكى ئىشچىلار قار – شىۋىرغانغا قارىماي، رېلىسلارنى تەكشۈرۈپ، ئاسراپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە قاتناشنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ئاساس سالدى؛ نېفىت شەھىرى قارامايدا نېفىت ئىشچىلىرى قەھرىتان سوغۇق، قار – شىۋىرغانغا قارىماي، ئۈسكۈنىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى...

  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترەتلىرى سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار، ئۆيدە قالغان بالىلار، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پاختىلىق كىيىم، يوتقان – كۆرپە قاتارلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى. سەمىمىي كۆيۈنۈش، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى زىمىستان قىشنى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى.

  (لىن يىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى