ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ كىيوتو شەھىرىدىكى كىراۋىن مېھمانخانىسى «ئالتۇن تورت» لايىھەلەپ چىققان بولۇپ،11-فېۋرالغىچە ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىدىكەن. تورتنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئالتۇندىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى30سانتىمېتىر، كەڭلىكى 11سانتىمېتىر ئىكەن، سىرتى يېگىلى بولىدىغان ئالتۇن ياپراقچىسىدىن، ئىچى ئاپېلسىن پوستى ۋە شاكىلاتنىڭ ئارىلاشما تەمىدىن ياسالغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تورتنىڭ باجنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باھاسى 10 مىڭ يېن (تەخمىنەن 580يۈەن) ئىكەن.