تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ،تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لېي

     ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن توغرا يول ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەلق خوجايىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹بىز پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرى ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا، پارتىيە تەشكىلاتى كۆرسەتكەن نامزاتلارنى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىشقا، پارتىيەنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە رەھبەرلىك قىلىشىنى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت قىلىش ئورگانلىرى ۋە تەپتىش قىلىش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ، بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىگە مەدەت بېرىشىمىز كېرەك››. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى بېكىتىلدى، پارتىيە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇپ، شۇنداقلا شۇ تەرىقىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، خەلق خوجايىن بولۇش تۈپ نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا: ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت›› دەپ كۆرسىتىلدى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىكى، مۇھىم ھالقا شۇكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹مەسلىھەتلىك ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر، دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدۇر››. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى ھەم خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلىيالايدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چىقىش قىلىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ سىياسىي بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئېچىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ھاكىمىيەت ساھەسىدىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەگە، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ساھەسىگە تەدرىجىي يۈزلەندۈردى، بۇ، پارتىيەلەر ئارا كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيىدا كېڭىشىش، ھۆكۈمەتتە كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەشتە كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرىدا كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلامدا كېڭىشىش ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا كېڭىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
     دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى بىر مەيدان كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى بولۇپ، جەزمەن قانۇن چىقىرىشتا پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ  بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى، دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە خەلق خوجايىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك››، بۇ، ‹‹ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى قانۇننىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە چىقىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ياخشى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇش››ى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى بولۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىشى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتى، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك. ئەدلىيە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغدايدىغان ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلققە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى  دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئەلا بىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
     ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خادىملار ئىشتاتىنى ئىلىمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈشكە قاراپ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، ئوچۇق-ئاشكارا، خەلققە قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگەرتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
     بىرلىك سەپ تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ھازىر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى، ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا يېڭى قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش بولماقتا. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ تامامەن بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى