تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايلى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتخانىسى ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى شېن تيەن

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات–تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇختەر ئابدۇرۇسۇل

     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: <<دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى››، <<جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك>>، <<ئومۇمىي مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرت>> دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز ‹‹ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلىش››تۇر. ئاساسىي قانۇن قانۇن شەكلىدە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى بەلگىلىدى، ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي كۈچكە ئىگە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى شەرت، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.

     2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ‹‹دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كۈنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار›› ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ئاساسىي قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنىنى بېكىتىپ، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇندىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، ئۇنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇندىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
     ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالىي قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا، قانۇن كۈچىگە ئىگە. دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بۇرچىنى ئادا قىلىشى شەرت. ئاۋامنى قاتناشتۇرۇپ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىش  ئاساسىي قانۇن تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىق ۋە جانلىقلاشتۇرغانلىقلا بولۇپ قالماستىن، يەنە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا ئوڭ قولىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەندە، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ، ئاساسىي قانۇن تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. ئاساسىي قانۇن قەسەمنامىسى خەنزۇچە خەت ھېسابى بويىچە 70 خەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ: ‹‹قەسەم قىلىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پاك – دىيانەتلىك بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن›› دېگەندىن ئىبارەت. بۇ قەسەمنامە قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى زور، ئۇ، جەمئىيەتتىكىلەرگە مۇستەھكەم قانۇن كۈچى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى يەتكۈزۈپلا قالماستىن، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاشكارا ۋەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
     ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى››دا بەلگىلەنگەن. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى›› (تۆۋەندە ‹‹چارە›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ماقۇللاندى ھەم  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ‹‹چارە››دە: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى سايلىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھەم ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ‹‹چارە››نىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە دائىمىيلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.
     ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش ئاساسىي قانۇنغا بولغان ھۆرمەت، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى، مۇھىمى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېتىقادىنى خەلق قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى تەنتەنىلىك قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىدۇر. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشتەك مۇقەددەس مۇراسىم كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ ۋە كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، دۆلەت خادىملىرىنى ئاساسىي قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا بولغان ساداقىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلايدىغان قىلىدۇ، بۇ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەنتەنىلىك جىددىي مۇھىتتا قەسەم بېرىش دۆلەت خادىملىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ۋە پائال ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.
     بىرىنچى، دۆلەت خادىملىرىدا ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرىدۇ. قەسەمنىڭ مەزمۇنى دەل ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشتۇر. قەسەم بېرىش دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشقا ۋەدە بېرىش، ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشقا قەسەم بېرىشتىكى بىر خىل ۋەدە بېرىش شەكلى. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق رەسمىي تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ، ئاساسىي قانۇن ھەممىدىن ئەلا دېگەن قانۇن ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشتەك كونكرېت شەكىل ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بولغان تونۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش شوئار ئەمەس، بەلكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، مۇراسىم ئارقىلىق قەسەم بەرگۈچىدە ‹‹ئاساسىي قانۇن››دىن ئىبارەت بۇ ئالىي ھەرىكەت مىزانى ئېڭىنى تۇرغۇزىدۇ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ھەرىكىتى ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ھەرىكىتى ئاساسىي قانۇننى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، دېگەن قانۇنىي تەپەككۇرنى كۈچەيتىدۇ.
     ئىككىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلىشىغا پايدىلىق. دۆلەت خادىملىرى ئاممىنىڭ نەزەرى ئالدىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇننى قەدىرلەش ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىدىيەسىگە سىڭدۈرىدۇ ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئاساسىي قانۇنغا تېخىمۇ سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشتەك جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نازارەت قىلدۇرىدۇ. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش مەقسەت قىلىنغان.
     ئۈچىنچى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ تۆۋەن چەك ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ. دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇننى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىگەندە، ئاندىن قانۇننىڭ ‹‹قىزىل سىزىق››ىغا تەگمەسلىك كېرەكلىكىنى، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھوقۇق يۈرگۈزمەيدۇ، سۆز – ھەرىكىتىنى قانۇن ئورنىغا قويمايدۇ، ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسەتمەيدۇ، شەخسىي غەرىزى بىلەن قانۇننى بۇزمايدۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمايدۇ، ئىمتىياز ئىدىيەسىدە بولمايدۇ، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق ھەرىكەت چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ. قانۇنىي جازا ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتە، بىز ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش، قانۇن تەربىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەنلا ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىخەتەرلىك قاپقىقى تەسىس قىلىپ، تۈزۈم لايىھەسى ئارقىلىق ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تۆۋەن چېكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى مەنبەدىن، ئىدىيەدىن چىڭىتىپ، سۇ كەلگىچە توغان تۇتىشىمىز كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى