تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كىلىمات ئۆزگىرىشى قۇشلار تېنىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە مەك كورىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا، نۇرغۇن قۇشلارنىڭ تەن شەكلىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا كىچىكلەپ كېتىشىنى يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارالغان، بۇ بايقاش ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ قۇشلار ساغلاملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

  بىئولوگىيە ساھەسىدە سوغۇق رايونلاردىكى ھايۋانلارنىڭ تېنى ئادەتتە بىر قەدەر چوڭ، ئىسسىق رايونلاردىكى ھايۋانلارنىڭ تېنى ئادەتتە كىچىكرەك بولىدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى تېنى بىر قەدەر چوڭ ھايۋانلار تېنى كىچىكرەك ھايۋانلارغا قارىغاندا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىسسىقلىق ساقلالايدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يالغۇز قۇشلارلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى كىلىمات تەسىرىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىنكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى