ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان تۇردى خەۋىرى: بۇلتۇر يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك ۋە مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇرا تېغى، قايدۇ دەرياسى، ئەسلەش كۆلى، ئۈزۈمچىلىك بازىسى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان لايىھەلەش شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى ساياھەت ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش، قۇرۇشنى تېزلەتتى. ساياھەت تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. خۇرا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى، ئات مەدەنىيىتى يۇرتى، يىپەك يولى ئاسما يولى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى. نەتىجىدە خۇرا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ياقتۇرۇپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
يەنجى ناھىيەسى يەنە سەھرا ئارامگاھلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەل ئىچى مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا – كەنت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. تۇنجى يېزا – بازار دەرىجىلىك مۇزېي قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزدى. لاڭفاڭ شەھەرلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بىلەن يەنجىنى ساياھەت قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 1200دىن كۆپرەك ساياھەتچى مەخسۇس پويىزدا يەنجىنى ساياھەت قىلىپ، بۇ جاينىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. نەتىجىدە ساياھەتچىلىك دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى. 2017 – يىلى ناھىيەگە كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 814 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 122 مىليون يۈەنگە يەتتى.