تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

كۇچا دەرياسىنى تۈزەشتە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: يېقىندىن قارىغاندا ياۋا ئۆردەكلەر سۇدا ئويناقشىپ تۇراتتى، يىراقتىن قارىغاندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەريا بويىدىكى ئېگىز ئۆسكەن قومۇشلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. مانا بۇ يېقىندا مۇخبىر كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كۇچا دەرياسى ۋادىسىدا كۆرگەن مەنزىرە.

   بۇنىڭ ھەممىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2017 – يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويغان ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمىنىڭ پايدىسى. ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ھەر بىر دەريا – ئېقىننى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ،  دەريا – ئېقىنلارنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى. كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھاد ياسىن مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ‹‹دەريا باشلىقى››لىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، كۇچا دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

   كۇچا دەرياسىنىڭ مەنبەسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىسىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، كۇچانىڭ شىمالىدىكى بىر قانچە كۆمۈركان ۋە سانائەت كارخانىسى جايلاشقان يەردىن ئېقىپ ئۆتكەچكە، دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر ئىدى. ھەر يىلى يازدا كەلكۈن كەلگەندە ئاغى يېزىسى زور زىيانغا ئۇچرايتتى. ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەسئۇل كىشىلەر ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن دەريانى چارلاپ، دەريا سۈيى جىددىي قايىدىغان جايلاردا لاۋا – لاتقىلارنىڭ يىغىلىپ قالغان – قالمىغانلىقىنى، دەريا بويىدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بەرگەن – بەرمىگەنلىكىنى تەكشۈردى، كەنت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئېقىن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

   ئاغى يېزىسىنىڭ ئاغى كەنتىدىكى دېھقان توختى مامۇت مۇنداق دېدى: بۇرۇن دەريا قىرغىقىدا ئەخلەت كۆپ بولۇپ، ياز پەسلىدە چىۋىن، پاشا كۆپىيىپ كېتەتتى. ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق كۇچا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەخلەت تاشلايدىغان، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان قىلمىشلار ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، دەريا قىرغىقى كۆكىرىپ، سۇلار سۈزۈلدى.

   كۇچا ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭ مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى ئىيۇلدا 41 دەريا – ئېقىننى ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەسئۇل ئادەم قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئېقىننى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دەريا چارلاشنى دائىملاشتۇرۇپ، يېزا باشلىقى، كەنت مۇدىرى، مەھەللە باشلىقىنى بۆلەكلەرگە مەسئۇل قىلىپ، دەريانى قالايمىقان كولاش، دەريا – ئېقىن دائىرىسىنى قالايمىغان ئىگىلىۋېلىش، دەرياغا ئەخلەت تۆكۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلىدۇق. پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئامما پاش قىلغان ھامان، دەرھال تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلدۇق. نەتىجىدە ‹‹دەريا باشلىقى›› مەسئۇل بولۇپ دەريا چارلاش تۈزۈمى خەلق مەنپەئەتلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى