تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايوندىكى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلارغا كادىرلار ئىشلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلۇپ، پىكىر ئېلىندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى، لى پېڭشىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش، كادىرلار ئىشلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ، پىكىر – تەكلىپ ئالدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى ئارقا – ئارقىدىن سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىغان نامزاتلار تەۋسىيە ئىسىملىكى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈشى ۋە ئىگىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، قايتا – قايتا تولۇق كېڭىشىپ، سېلىشتۇرۇپ تاللىشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن، ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بىز ھىمايە قىلىمىز ۋە قوللايمىز. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب – كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

   لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش، كادىرلار ئىشلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىش ــــ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە  – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيەمىز بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.  

   لى پېڭشىن كۆپچىلىكتىن ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، بىر – بىرىدىن سىر ساقلىماي، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈشىنى؛ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ج ك پ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشىنى؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى؛ قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللىشىنى؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن،  مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى